مالى ئالجىرىيەدىن مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى بولۇشنى تەلەپ قىلدى

مالى ھۆكۈمىتى ئالجىرىيەدىن شىمالدىكى ئىسيانچىلار بىلەن دىئالو ئۆتكۈزۈشتە مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

97838
مالى ئالجىرىيەدىن مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى بولۇشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رامتانە لامامرا پايتەخت ئالجىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئالجرىيە – مالى ئىستىراتېگىيەلىك كومىتېتى»نىڭ «مالىدا دىئالوگ» تېمىلىق 4-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، «مالى شىمال تەرەپتىكى ئىسيانچىلار بىلەن يۈز بەرگەن كىرزىسنىڭ دىئالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھۆكۈمىتىمىزدىن مۇرەسسەلەشتۈرۈگۈچى بولۇشنى تەلەپ قىلدى» دېدى.
لامامرا مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇچرىشىش مالىدىكى كىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك دىئالوگ مۇساپىسى باشلاشتا ياخشى پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن.»
مالى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلھەي جوبمۇ پىرېزىدېنت ئىبراھىم بوباكار كېيتانىڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تىنچلىق ۋە بىرلىكنى بەرپا قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مالى كىرزىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش پىلانغان يىغىندا مالى، ئالجىرىيە، چاد ۋە بۇركىنا فاسو ۋە نىگېر قاتارلىق دۆلەتلەردىن سىرت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئافرىقا ئەللىي ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.
تۇرېگ ئىسىيانچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئازاۋاد مەملىكەتلىك ئازادلىق ھەرىكىتى ئەنسارۇددىن،مەغرىب ئەل قائىدە، غەربىي ئافرىقا تەۋھىد ۋە جىھاد ھەرىكىتى ۋە باشقا قوراللىق گۇرۇپپىلار 2011-يىلنىڭ ئاخىرغىچە مالىنىڭ شىمالىدا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان ئىسيان كۆتۈرگەن ئىدى.
2012-يىلى 22-مارتتا مالى پىرېزىدېنتى ئامادوۋ تومانى تورې پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا بىر كۈن قالغاندا كىرزىسنى توغرا ھەل قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن ئىدى. ئىسيانچى گۇرۇپپىلار شىمالدىكى كىدال، تىمبۇركتۇ ۋە گاۋ شەھەرلەرنىڭ تىزگىنىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن باماكودىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتىنىڭ فىرانسىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىشىغا قارىتا، فىرانسىيە مالىغا ھەربىي جەھەتتىن مۇداخىلە قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر