نەچىرۋان بازارنى: تۈركىيەگە ياردەم قىلىشقا تەييارمىز

ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتى باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى تۈركىيەنىڭ مۇسۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى توغرۇلۇق بايانات بەردى.

96174
نەچىرۋان بازارنى: تۈركىيەگە ياردەم قىلىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتى باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى تۈركىيەنىڭ مۇسۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى توغرۇلۇق بايانات بەردى.
ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتقان نەچىرۋان بارزانى، «بىزدىن بولغۇسى ھۇجۇملارغا قارشى كونسۇلخانىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى» دېدى.
نەچىرۋان بارازنى «كونسولخانىغا گەپ ئەۋەتتۇق. ھەر قانداق ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈردۇق. ئۇلارمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىزگە يەتكۈزدى. ئۆز ۋاقتىدا بىز بىلەن ئالاقە ئورناتقان بولسا ئىدى، بىزمۇ قاراپ تۇرمايتتۇق. بىراق كونسول ۋەقەنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىشنى خالىمىدى» دېدى.
بارزانى تۈركىيە كونسلخانا مەسىلىسىدە ياردەم تەلەپ قىلغان تەقدىردە ھەر قانداق ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مۇسۇلنىڭ ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان نەچىرۋان بارزانى «ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنى قوللايدىغان باشقا چوڭ كۈچلەر چوقۇم بار. بائاس پارتىيەسى ئەزالىرى ۋە بەزى رايون قەبىلىلىرىمۇ بۇ ئىشنىڭ ئىچىدە بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
ۋەقە يۈز بېرىدىغانلىقىغا دائىر ئاخباراتقا ئېرىشكەندىن كېيىنلا دەرھال باغدات ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقلىرىنى ئېيتقان بارزانى، ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن كېچىپ قېلىنغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
نەچىرۋان بارزانى باغداتنىڭ ھازىرغىچە ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىدىن رەسمىي ياردەم تەلەپ قىلمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
بارزانى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇسۇلغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغانلىقلىرىنى، بىراق نەتىجىسىنىڭ بۇنچىلىك ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
بۇ ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارىنىڭ نۇرى ئەل مالىكى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن نەچىرۋان بازارنى: «ۋەقەلەر باغداتنىڭ خاتا سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلدى» دېدى.
بارزانى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ئىراق ھۆكۈمىتىگە قىلىنىدىغان خەلقئارالىق ياردەملەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىراق تېررورچىلارغا قارشى ئۆز ئالدىغا تاقابىل تۇرۇپ بولالمايدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراققا ياردەم قىلىشى كېرەك.»
شىئەلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قوراللانماقچى بولغانلىقلىرىنى ئېيتقان بارزانى، ئۆزىنى قوغداشنىڭ شىئەلەرنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇنىڭدىن ئىلگىرى چوقۇم سىياسىي ھەل قىلىش يوللىرىغا مۇراجىئەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر