سۈرىيەدە يەنە ۋارىل بومبىسى ئىشلىتىلدى

سۇرىيە ئارمىيەسى ئۆكتىچىلەر تۇرۇۋاتقان رايونلارغا يەنە ۋارىل بومبىسى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى.

95222
سۈرىيەدە يەنە ۋارىل بومبىسى ئىشلىتىلدى

سۇرىيە ئارمىيەسى ئۆكتىچىلەر تۇرۇۋاتقان رايونلارغا يەنە ۋارىل بومبىسى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى.
سۇرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلار تۈنۈگۈن ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى ئانادان رايونىنى بومباردىمان قىلدى. بازار قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان رايونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. ۋارىل بومبىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش ئۇزۇن داۋام قىلدى. ھۇجۇمدا يارىلانغان ئونلارچە ئادەم رايوندىكى دوختورخانىلاردا بالنىستقا ئېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر