سابىق پىرېزىدېنت بوش تىك ئۇچاردىن سەكرىدى

پاركىنسۇن ھەپىتىسى پائالىيىتىدە 90 ياشقا كىرىپ قالغان بوش 5 يىل ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى.

93892
سابىق پىرېزىدېنت بوش تىك ئۇچاردىن سەكرىدى

سابىق پىرېزىدېنت تىك ئۇچاردىن سەكرىدى.
پاركىنسۇن ھەپىتىسى پائالىيىتىدە 90 ياشقا كىرىپ قالغان بوش 5 يىل ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى.
پاركىنسۇن ھەپىتىسى پائالىيىتىدە ئامېرىكىنىڭ 90 ياشقا كىرىپ قالغان سابىق پىرېزىدېنتى گىئورگىي بوش كەسپىي پاراشوتچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن تىك ئۇچاردىن سەكرىدى.
گىئورگىي بوش 5 يىل ئىلگىرى ئەگەر 90 ياشقا يېتىپ بارالىسا، پاراشوت بىلەن سەكرەشكە ۋەدە قىلغان ئىدى. بىر پىنسىيەگە چىققان پاراشوتچى ئەترەتنىڭ ياردىمى بىلەن يازلىق ئۆيى جايلاشقان مائىنە ئىشتاتىغا قاراشلىق كەننەبۇنك پورتتا ساق - سالامەت يەرگە چۈشتى.
گىئورگىي بوش 2 – دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدە بىر ئۇچقۇچى بولۇپ، ئايروپىلانىنىڭ موتىرى ئوت ئالمىغانلىقى سەۋەبىدىن پاراشوت بىلەن سەكرەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئۇ 90 ياشقا كىرگەن كۈنى قىزىل، كۆك ۋە ئاق رەڭدىن تەركىپ تاپقان ئامېرىكا بايرىقى رەڭگىدىكى بىر پاراشوتنى ئىشلەتتى.
گىئورگىي بوش مۇشۇنىڭ بىلەن 8 – قېتىم پاراشوتتىن سەكرىگەن بولدى.
بوش تېۋىتتېر تاراتقۇ ھېسابىدا پاراشوت بىلەن سەكىرىگەنلىكى ھەققىدە «مائنەدە ئىنتايىن گۈزەل بىر كۈن بولدى. بولۇپمۇ پاراشوت بىلەن سەكرەش ئۈچۈن ئەجەپمۇ ياخشى كۈن بولدى» دېگەن سۆزلىرىنى ئورتاقلاشتى.
گىئورگىي بوشنىڭ باياناتچىسى جېم مىك گىراتنىڭ باياناتىدا بولسا، «بوش ھەم كۈتۈلمىگەن ئىشلارنى قىلىشنى، ھەم ئادرېنالىننى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ بىر بوش كلاسسىكىدۇر» دېدى ھەمدە سابىق پىرېزىدېنتنىڭ 90 ياشقا كىرگەن كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۇرۇق – تۇققانلاردىن 200 كىشىلىك بىر گۇرۇپپىغا كەچلىك زىياپەت بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر