ئافغانىستاندا شەنبە كۈنى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئافغانىستاندا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

92296
ئافغانىستاندا شەنبە كۈنى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
سايلامدا رىقابەتلىشىدىغان ئىككى نامزات ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ۋە ئەشرەف غەنى سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى. نۇرغۇن ۋىلايەتتە نۇرغۇن خەلق ئاممىسىغا خىتاب قىلغان ئابدۇللاھنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىمالىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
2009-يىللىق سايلامدا ناھايىتى ئاز پەرق بىلەن ھامىد كارزائىيغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئابدۇللاھ، ئىلگىرى ھامىد كارزائىي ھۆكۈمىتىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.
غەربپەرەس سۈپىتىدە بىلىنىدىغان ئابدۇللاھ پات-پات تالىباننى تەنقىدلەيدۇ. سايلامدا رىقابەتكە چۈشىدىغان يەنە بىر نامزات ئەشرەف غەنى ئاخىرقى سايلام سۆزىدە ئافغانىستاندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىدى.
ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى غەربتە ئۆتكۈزگەن غەنى تالىبان بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
سايلامنىڭ تۇنجى باسقۇچىدا ئابدۇللاھ 45% ئاۋازغا، غەنى بولسا 32% ئاۋازغا ئېرىشكەنىدى. تەخمىنەن 12 مىليون سايلىغۇچى ئاۋاز بېرىدىغان ئافغانىستاندا 7 مىليون ئادەم ئاۋاز بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى سايلام ئافغانىستان تارىخىدا سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان سايلام ھېسابلىنىدۇ.
تالىىباننىڭ تەھدېتىنىڭ ئەكسىچە سايلام كۈنى خەلق ئاممىسى نىشانغا ئېلىنغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملار سادىر بولمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر