تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئورتاق فوندى تەسىس قىلىنىدۇ

يېقىنقى كۈنلەردىن بويان ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

92102
تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئورتاق فوندى تەسىس قىلىنىدۇ

يېقىنقى كۈنلەردىن بويان ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى؛ ئاق ساراي، يېڭى بىر تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئورتاق فوندىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئۈچۈن پالاتا بىلەن بىرلىكتە خىزمەتنى ئىشلەشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
يېڭى فوندىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ كۈچىيىپ بېرىۋاتقان تەھدىتلىرىنىڭ ئىراق ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى تەرىپىدىن تارمار قىلىنىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي مەنبە سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا، ئىراق بىلەن تۈزۈلگەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك كېلىشىمى دائىرىسىدە تېررورىست تەشكىلاتلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياردەملەرنىڭ مىقدارى ئاشۇرۇلغان ھالدا تەمىنلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن مالىكى ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي ھالدا ۋاشىنگتوندىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر