مالىكى ئىراق ئارمىيەسىگە خىتاب قىلدى

ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەل مالىكى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىدىن چېكىنگەن ئارمىيە قوماندانلىرى ۋە ئەسكەرلىرىگە خىتاب قىلدى.

91883
مالىكى ئىراق ئارمىيەسىگە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەل مالىكى ئىراقىييە تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، نىنوۋا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى مۇسۇلدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە توختالدى.
مۇسۇلدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە، «سۈيىقەست ۋە ئالدامچىلىق» دەپ باھا بەرگەن مالىكى، ئارمىيەنى تەرتىپكە سېلىشقا باشلىغانلىقلىرىنى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن «كۈچلۈك ئىرادىگە ئىگە» كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن قىسىملارنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە قولدىن كەتكەن رايونلارنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا چېكىنگەن ئارمىيە مەسئۇللىرىنىڭ ھېساب بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مالىكى: «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلماي كەينىگە چېكىنگەن بارلىق مەسئۇل كىشىلەر ھېساب بېرىدۇ. ئىراق ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوماندان ۋە ئەسكەرلەر ئەسلىڭلارغا كېلىڭلار. ھېساب سورالماستىن بۇرۇن ئۆزەڭلارنى سوراققا تارتىڭلار» دېدى.
مالىكى سۈرىيەدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان گۇرۇپپىلارنىڭ ئىراققا يۈزلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئىراقنىڭ مۇسۇلدا يوقىتىپ قويغان ئابرۇيىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ئىراق زور قىيىنچىلىقتا قالغاندا يانلىرىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەرەب ئىتتىپاقى ۋە ئىراقتىكى شىئە گۇرۇپپىلارغا تەشەككۈر ئېيتىپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر