ئىراقتا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 26 كىشى ھاياتدىن ئايرىلدى
بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىملىرى بىلەن ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مېلىتانلىرى ئوتتۇرىسدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتا 26 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىراقتا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 26 كىشى ھاياتدىن ئايرىلدى.
بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىملىرى بىلەن ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مېلىتانلىرى ئوتتۇرىسدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتا 26 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مۇسۇل ساقچى ئىدارىسى مەسئۇلى پالكوۋنىك غالىپ ئەددائى ئېلان قىلغان باياناتىدا شەھەرنىڭ ئەتتەنەكە، 17 – ئىيۇل ۋە ئەل ئەرەبى رايونلىرىدا ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مېلىتانلىرى بىلەن ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ساقچىلاردىن 6 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 27 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
غالىپ ئەددائى تۇقۇنۇشتا ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مېلىتانلىرىدىنمۇ 20 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.
يەنە بىر تەرەپتە پايتەخت باغداتتىكى ئولتۇراق رايونغا قىلىنغان راكىتا بومبا ھۇجۇمىدا 5 كىشىنىڭ ھاياتىدن ئايىرىلغانلىقى ۋە 20 كىشنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رايونغا نۇرغۇن ساندا بىخەتەرلىكى ساقلاش خادىملىرى ئەۋەتىلدى.