چىلىدا ئوقۇغۇچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى

جەنۇبى ئامېرىكا دۆلىتى چىلىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى داۋام قىلماقتا.

90766
چىلىدا ئوقۇغۇچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى

جەنۇبى ئامېرىكا دۆلىتى چىلىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى داۋام قىلماقتا.
پايتەخت سانتىياگودا تەلىم – تەربىيەنىڭ ھەقسىز بولۇشى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى تەكرارلىغان ئوقۇغۇچىلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن نامايىشلاردا، نامايىشچىلار ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىگە تاش ۋە ئاتەش توپ ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى. ساقچىلارمۇ نامايىشچىلارغا قارشى ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئىشلەتتى. ۋەقە جەريانىدا كۆپ ساندا ئوقۇغۇچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.
چىلىدا ئوقۇغۇچىلار 2011- يىلىدىن بويان مائارىپتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىگە، خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتۇش چىقىملىرىنىڭ يۇقىرىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر