دىنىي رەھبەرلەر دىن بىلەن ئەسەبىيلىكنى ئايرىشنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تەشكىلاتنىڭ كېلەچىكىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئىسلام، خىرىستىيان ۋە يەھۇدىي دىنى ۋە باشقا دىنلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىريۇسسېلدا كۆرۈشتى.

89994
دىنىي رەھبەرلەر دىن بىلەن ئەسەبىيلىكنى ئايرىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى، «ئىتتىپاقنىڭ كېلەچىكىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن» ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىريۇسسېلدا بىر يەرگە جەم بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسئۇللىرى يىغىندىن كېيىن، ياۋروپادىكى دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن ئىتتىپاقنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزۇلۇشىغا قارشى قەلئە بولۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
دىنىي رەھبەرلەر ياۋروپا تاراتقۇلىرىدىن «تىنچلىقنى ياقىلايدىغان دىنلار بىلەن ئەسەبىيلىكنى ئايرىش» نى تەلەپ قىلدى.
ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن زور كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئىجتىمائىي كىرىزىستىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. بىريۇسسېلدا 10 – نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، مۇسۇلمان، خىرىستىيان ۋە يەھۇدىي دىنىي رەھبەرلىرىدىن باشقا، بۇلارنىڭ سىرتىدىكى دىنلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.
ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن دىن ئادەملىرى قاتناشقان يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن باشقا، ياۋروپانىڭ دۇنيادىكى رولى بىلەن دىنلارنىڭ بۇ دائىرىدىكى رولى ئالدىنقى پىلانغا چىقتى.
يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىن ئادەملىرى، بولۇپمۇ ياۋروپا تاراتقۇلىرىغا، «ئىنسانىي قىممەتلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا چىقارغان دىنلار بىلەن دىننى ئۆزىنىڭ مەقسەتلىرى ئۈچۈن قوللانغان ئەسەبىيلەرگە ئايرىم قاراش كېرەكلىكى» نى بىلدۈردى.
دىنىي رەھبەرلەر، ئادەم ئۆلتۈرۈشنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر دىننى بىلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
دىن ئادەملىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىەە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ياۋروپا كومىتېتى باشلىقى بارروسو، پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇت ئابباس بىلەن ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى پېرېسنىڭ ۋاتىكاندا كۆرۈشكەنلىكىنى «دىنىي سىگناللارنىڭ تىنچلىققا تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دەپ كۆرسەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر