بەششار ئەسەد كۈچلىرى 50 كىشىنى ئۆلتۈردى

سۈرىيە ئامىيەسى ئايرىم - ئايرىم 7 شەھەردە ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى

89152
بەششار ئەسەد كۈچلىرى 50 كىشىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد كۈچلىرى 50 كىشىنى ئۆلتۈردى.
سۈرىيە ئامىيەسى ئايرىم - ئايرىم 7 شەھەردە ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە قاراتقان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىدا دەمەشقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 18، ھەلەپتە 10، دېرئادا 8، ئىدلىبتە 5، ھۇمۇستا 4، ھامادا 3 ۋە دېر ئەززۇردا 2 بولۇپ، جەمئىي 50 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
بۇ ئارىلىقتا، سۈرىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SANA»، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھاما، ھەلەپ، دېرئا ۋە پايتەخت دەمەشقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە كۆپ ساندا قوراللىق كىشىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر