سىسى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن تالاش - تارتىشلىق سايلاملاردىن كېيىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

87551
سىسى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن تالاش - تارتىشلىق سايلاملاردىن كېيىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.
قەسەم بېرىش مۇراسىمى ھارپىسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلدى.
مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولسا ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا.
دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ بۇلتۇر ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلىشىدىن كېيىن مىسىردا قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈلگەنىدى.
سىسى، كۈچلۈك لىبېرال پارتىيەلەر بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ سايلاملارغا ئىشتىراك قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانىدى.
ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان سايلاملاردا ئىناۋەتكە ئاۋازلارنىڭ % 96 تىگە ئېرىشىپ، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان سىسى، قاھىرەدە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى بىناسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان مۇراسىمدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.
مۇراسىمغا غەرب رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلمىدى.
ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بولسا ئورنىغا تۆۋەن ددەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنى ئەۋەتتى.
سايلاملارنى «كۆز بويامچىلىق قىلىش» تەرىقىسىدە ئانالىز قىلغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققۇچىلار، كۆپلىگەن شەھەرلەردە نامايىش ئۆتكۈزدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر