جۇڭگودا شىددەتلىك يامغۇر جانغا زامىن بولدى

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا ياغقان شىددەتلىك يامغۇردا نۇرغۇنلىغان ئادەم زىيانغا ئۇچرىدى، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 33 مىليون دوللارغا يەتتى.

87393
جۇڭگودا شىددەتلىك يامغۇر جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا ياغقان شىددەتلىك يامغۇر تۆت ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى.
رايوندا بىر ھەپتىدىن بۇيان توختىماي ياغقان يامغۇر 417 مىڭ ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. شىددەتلىك يامغۇردا تەخمىنەن 24 مىڭ گېكتار دېھقانچىلىق ئېتىزى زىيانغا ئۇچرىدى، 1200 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 205 مىليون يۈەن (تەخمىنەن 33 مىليون دوللار) بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان.
رايوندا شىددەتلىك يامغۇرنىڭ داۋاملىشىشى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر