ئافغانىستاندا سەل ئاپىتى يۈز بېرىپ 70 ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى باغلان ۋىلايىتىدە قاتتىق ھۆل – يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان سەل ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 70 تىن ئېشىپ كەتتى

86734
ئافغانىستاندا سەل ئاپىتى يۈز بېرىپ 70 ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى باغلان ۋىلايىتىدە قاتتىق ھۆل – يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان سەل ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 70 تىن ئېشىپ كەتتى؛ 800 دىن ئارتۇق ئۆي – ماكان يىقىلىپ چۈشكەن سەل ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
باغلان ۋىلايىتىدە ياغقان شىددەتلىك ھۆل – يېغىن پەيدا قىلغان سەلدە 38 مەھەللە سۇ ئاستىدا قالدى. ئاھالىلەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭلەردە جەسەتلەرنىڭ لەيلەۋاتقانلىقى، لاي قاتلىمىنىڭ ئاستىدىمۇ جەسەتلەرنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلمەكتە. رايوندا يەنە يۈزلەرچە ئادەمنىڭ ئىز – دېرىكىنىڭ يوقلۇقى قەيت قىلىندى. خەلق بولسا، لاي ئاستىدا قالغان نەرسە – كېرەكلىرىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا تىرىشماقتا.
ئالاقىدار مەسئۇللار، ئۆي – ماكانلارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، ئىچىملىك سۈيىنىڭ يوقلۇقىنى، خەلققە يوتقان – كۆرپە ۋە ئۇزۇق – تۈلۈك يەتكۈزۈپ بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
ئاپەت يۈز بەرگەن جايغا يېقىن بىر يېزىدا ئۆتكەن ئاي سەل ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ئاپىتى يۈز بېرىپ، 300 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر