سىسى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

مىسىردا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققان سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

87167
سىسى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققان سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.
مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىدە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم مىللىي مارش ۋە قۇرئانى كەرىم خەتمە قىلىنغان ھالدا باشلاندى.
ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى باشلىق ۋەكىللىرى سۆز قىلغاندىن كېيىن ئەس سىسى ئومۇمىي كېڭەش ئەزالىرى ئالدىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.
مۇراسىمغا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت بولۇپ تەيىنلەنگەن ئادلى مەنسۇر، باش مىنىستىر ئىبراھىم مىھلپ ۋە كابىنت ئەزالىرى بىلەن ئەزھەر شەيخى ئەھمەد ئەت تاييىب، مەركەز بانكىسى باشلىقى ھىشام رامىز، قىپتى ئورتودوكىس چىركاۋى پاترىخى 2-توۋادروس، سابىق ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ۋە دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى قايتىدىن تۈزۈپ چىققان كومىتېتنىڭ باشلىقى ئامر مۇسا قاتارلىق شەخسلەر قاتناشتى.
بۇنىڭدىن سىرت، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشىكە قارشى چىققۇچىلار، ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسىنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشلار مۇراسىم بولىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى.
سىسىنىڭ پىرېزىدېنتلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن نامايىشچىلار، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ۋەزىپىسىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان سابىق پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ فوتو-سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ مېڭىشتى. ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى شوئار توۋلاشقان نامايىشچىلار مۇھەممەد مۇرسىنىڭ قايتىدىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر