كونگودا قەتلىئام يۈز بەردى

دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىدىكى قەتلىئامدا كۆپ سانلىقى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 37 ئادەم ئۆلدى.

86700
كونگودا قەتلىئام يۈز بەردى

دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىدىكى قەتلىئامدا كۆپ سانلىقى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 37 ئادەم ئۆلدى.
دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان جەنۇبىي كىۋۇ رايونىدىكى بىر يېزىغا باستۇرۇپ كىرگەن ھۇجۇمچىلار، ئۆيلەرگە ئوت قويۇپ بەردى، قېچىشقا ئورۇنغانلارنى ئۆلتۈردى؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ 18 ىنىڭ ئايال، 10 ىنىڭ كىچىك بالا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بۇلاردىن باشقا مەزكۇر يېزىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان 8 ئادەمنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ھېچكىمنىڭ بۇ ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغانلىقىنى قەيت قىلغان يېزا ئاھالىسى، يېڭى بىر قەتلىئامنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. كۆپ ساندا يېزا ئاھالىسى ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ باشقا يېزىلارغا پاناھلاندى.
ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، ھۇجۇمنىڭ يېزا ئاھالىسى ئارىسىدىكى كالا ئوغۇرلاشقا مۇناسىۋەتلىك بىر تالاش – تارتىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، يېزا ئاھالىسى بۇنداق قارىمايدۇ. قوراللىق مىلىتانلارنىڭ يېزىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر جايغا لاگېر قۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يېزا ئاھالىسى، ھۆكۈمەت ۋە ئەسكەرلەرنى بۇنىڭغا قارشى ھېچقانداق تەدبىر قوللانماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى ۋە قەتلىئامنىڭ ‹مانا مەن› دەپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
رايوندا پات – پات رۇۋاندالىق مىلىتانلار ھۇجۇم سادىر قىلىپ تۇرىدۇ؛ ھۇتۇ مىلىتانلىرى 20 يىل ئىلگىرى دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىدىكى تۇتسىلارغا قارشى قەتلىئام يۈرگۈزۈپ 800 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر