ئافغانىستان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشىدىن مەمنۇن

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىرىش پىلانىدىن سۆيۈنگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

83917
ئافغانىستان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشىدىن مەمنۇن

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ دۆلەتتىن چېكىنىپ چىقىشى پىلانىدىن مەمنۇن بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىرىش پىلانىدىن سۆيۈنگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «بىخەتەرلىك قىسىملىرىمىزنىڭ تەھدىتلەرگە قارشى تۇرالايدىغان يېتەرلىك كۈچى بار» دېيىلدى.
ئافغانىستاندا 33مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى بولۇپ جەمئىي 52مىڭ ناتو ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.
پىلان دائىرىسىدە بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە ئافغانىستاندىن 23200 ئامېرىكا ئەسكىرى چېكىنىپ چىقىدۇ، 9800 ئەسكەر بولسا ئافغانىستاندا قالىدۇ. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە ئافغانىستاندىكى بارلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىنىپ چىقىدۇ.
بۇ ئارىلىقتا گازنى ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدا تالىبان تەرىپىدىن يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 3 ساقچى ئۆلدى. ۋەقەنىڭ ساقچىلار بومبىنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر