ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۇرۇشى بۇ يىل ئاخىرلىشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشى توغرىسىدا ئاق سارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

75432
ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۇرۇشى بۇ يىل ئاخىرلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشى توغرىسىدا ئاق سارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئوباما، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئاخىرقى يىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 2015- يىلىدىن باشلاپ ئافغانىستاندا 9800 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئوباما، 2016- يىلى بۇ ساننىڭ 4900 غا قىسقىرايدىغانلىقىنى؛ ئوباما، 2017- يىلى ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكىرى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى؛ مۇناسىۋەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىك سەۋىيەسىدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى؛ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستان سەھرالىرىدا ئىچكىرىلەپ چارلاش ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى؛ ئافغانىستان قىسىملىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىلدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتە ئافغانىستاندا 32800 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر