ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملاشماقتا

يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان ئۇكرائىنا قىسىملىرىغا ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلغان رۇسپەرەس قۇراللىق گۇرۇپپىلار دونېتسىك ئايرودۇرۇمىنى قولغا كىرگۈزدى

74386
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملاشماقتا.
يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان ئۇكرائىنا قىسىملىرىغا ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلغان رۇسپەرەس قۇراللىق گۇرۇپپىلار دونېتسىك ئايرودۇرۇمىنى قولغا كىرگۈزدى. ئايرودۇرۇمنىڭ رۇسپەرەسلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىدىن كېيىن ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى رايونغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى تۈپەيلى قاتتىق توقۇنۇشلار يۈز بەردى. TRT ئەترىتى نەق مەيداندىن تارقىتىش مەزگىلىدە توقۇنۇشلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالدى. بۇ جەرياندا ئايرودۇرۇمدىكى يولۇچىلارمۇ توقۇنۇشلارنىڭ ئارىسىدا قالدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دونېتسىك ئايرودۇرۇمنىڭ كىمنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. رۇسپەرەسلەر بولسا يۈك ماشىنىلىرىدا ئايرودۇرۇمغا قوراللىق كىشىلەرنى يۆتكىمەكتە. دونېتسىكتا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كۆرۈلمەكتە، ئايرودۇرۇم تەرەپتە پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلانماقتا.
رۇسپەرەسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشلار جەريانىدا يارىدارلارنى توشۇيدىغان بىر يۈك ماشىنىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، شوپۇر ھاياتىدىن ئايرىلغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، دونېتسىك ئايرودۇرۇمىدىكى بارلىق ئۇچۇشلار بىكار قىلىنغان. دونېتسىك پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتىمۇ 1 كىشى ئۆلگەن، 2 كىشى يارىلانغان. ئۇكرائىنا قىسىملىرى، دونېتسىكنىڭ 100 كىلومېتىر شىمالىدىكى سىلاۋيانىسك شەھىرىگە مىناميوت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 2 كىشىنى ئۆلتۈرگەن.
ئۇكرائىنادا پىرېزىدېنت سايلاملىرىدا غەلىبە قىلغان پېترو پوروشېنكو، مەسىلىنى رۇسىيە بىلەن دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.
پوروشېنكو، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى ۋەزىپىسىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىنى زىيارەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر