تايلاندتا ئاساسىي قانۇن توڭلىتىپ قويۇلدى

ئارمىيە تەرەپ جىددىىي ھالەت ئېلان قىلغان تايلاندتا، ئاساسىي قانۇن توڭلىتىپ قويۇلدى، كېچىسى سىرتقا چىقىش مەنئىي قىلىندى

71833
تايلاندتا ئاساسىي قانۇن توڭلىتىپ قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە تەرەپ جىددىىي ھالەت ئېلان قىلغان تايلاندتا، ئاساسىي قانۇن توڭلىتىپ قويۇلدى، كېچىسى سىرتقا چىقىش مەنئىي قىلىندى.
تايلاندنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىزىغا چۈشۈشى مەقسىتىدە ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان باش ئىشتاب باشلىقى پىرايۇت چان ئوچانىڭ يېڭى باش مىنىستىر تەيىنلەنگەنگە قەدەر باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقى جاكارلاندى.
دۆلەتتە سىياسىي يىغىلىشلار مەنئىي قىلىندى، بىر قىسىم ئۈچۈن رەھبەرلەر قولغا ئېلىندى.
بۇ، سىياسىي داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تايلاندتا ئارىدىن 8 يىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ.
ئارمىيە تەرەپ، 2006 - يىلىمۇ باش مىنىستىر تاكسىن شىناۋاتنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون، تايلاندتا ئارمىيە تەرەپنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر