ئىراق تۈركمەن فىرونتى رەھبىرى ئەنقەرەدە
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ئىراق تۈركمەن فىرونتى رەھبىرى ئېرشاد سالىھى بىلەن ئۇچراشتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ئىراق تۈركمەن فىرونتى رەھبىرى ئېرشاد سالىھى بىلەن ئۇچراشتى.
ئىراقتا سايلام مۇساپىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەنقەرەگە كەلگەن ئېرشاد سالىھى، ئۇچرىشىشتىن كېيىن سۆز قىلىپ: «ھۆرمەتلىك مىنىستىر بىز بىلەن ئەمەس ئىراقلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشىدۇ. بىز تۈركمەنلەرنىڭ ھازىرقى ئورنى بولسا ئىراق بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەشتۇر ۋە بۇنىڭدىن ھەر كىم پايدىلىنىدۇ.» دېدى.
سالىھى ئىراقتىكى سايلام نەتىجىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ھەرقايسى تەبىقە ۋە گۇرۇھلارغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۆزۈلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىراق تۈركمەن فىرونتى رەھبىرى ئېرشاد سالىھى ئىراق تۈركمەنلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت سېپىدا ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا خوشنا دۆلەتلەر بىلەن سىجىل دىئالوگ ئىچىدە بولۇشلىرىدا پايدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىرېلاندىيەمۇ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسپانىيە ۋە نورۋېگىيەدىن كېيىن، ئىرېلاندىيەمۇ پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.
ئىسپانىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسپانىيە ۋەزىرلەر كېڭىشى پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش قارارنامەسىنى ماقۇللىدى.