شاپاراستىك يانار تېغى ھەرىكەتكە ئۆتتى
لاتىن ئامېرىكا ئۆلكىسى ئەلسېلۋادۇردا يانار تاغ سىگنالى بېرىلدى؛ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى شاپاراستىك يانار تېغى ھەرىكەتكە ئۆتتى.
70341
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاتىن ئامېرىكا ئۆلكىسى ئەلسېلۋادۇردا يانار تاغ سىگنالى بېرىلدى؛ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى شاپاراستىك يانار تېغى ھەرىكەتكە ئۆتتى.
يانار تاغنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىلەن بىرلىكتە رايوندىكى مىڭلارچە كىشى بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى. كۈل ۋە ئىس – تۈتەك پۈركۈشكە باشلىغان ۋولقاننىڭ ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.