بېيجىڭ بىلەن موسكۋا ئارىسىدا تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالاندى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ جۇڭگو زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە تارىخىي تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالاندى.

70520
بېيجىڭ بىلەن موسكۋا ئارىسىدا تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ جۇڭگو زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە تارىخىي تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالاندى؛ 10 يىل داۋاملاشقان سودىلىشىشتىن كېيىن رۇسىيەنىڭ گازپروم شىركىتى بىلەن جۇڭگو دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ئارىسىدا تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالاندى.
كېلىشىم دائىرىسىدە گازپروم 2018- يىلىدىن باشلاپ 30 يىل بويىچە جۇڭگونى 38 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۆتكەن يىلى جۇڭگونىڭ 170 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. 2020- يىلى بۇ ئىستىمال مىقدارىنىڭ 420 مىليارد كۇب مېتىرغا چىقىشى كۈتۈلمەكتە.
پۇتىن جۇڭگو زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئېنېرگىيەدىن قاتناشقىچە بولغان 49 ساھەدە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر