ئىراقتا يۈز بەرگەن ئىككى ھۇجۇمدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باغدادنىڭ شىمالىدىكى ئەتتارىمىييە رايونىدا بىر كونترول نۇقتىسىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 5 كىشى ئۆلگەن، 11 كىشى يارىلانغان

66673
ئىراقتا يۈز بەرگەن ئىككى ھۇجۇمدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

 

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا يۈز بەرگەن ئىككى ھۇجۇمدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باغدادنىڭ شىمالىدىكى ئەتتارىمىييە رايونىدا بىر كونترول نۇقتىسىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 5 كىشى ئۆلگەن، 11 كىشى يارىلانغان.
ئىككىنچى ھۇجۇم بولسا باغدادنىڭ شىمالىدىكى ئەششاب رايونىنىڭ ئەسسىھھە مەھەللىسىدىكى بىر قەھۋەخانا ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. ھۇجۇمدا 6 كىشى قازا قىلغان، 13 كىشى يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر