بۈگۈن ئەسەد قىسىملىرى 80 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
66397
تۈركىيە ئاۋازى ردىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ 80 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
سۈرىيە كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسەد قىسىملىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا پايتەخت دەمەشقنىڭ چەت رايونلىرىدا 19، ھالەپتە 18، دەرادا 15، ئىدلىبتا 9، ھامادا 8، لازىقىيەدە 4، ھۇمۇستا 3، دەيرۇززوردا 3 ۋە سۇۋەيدادا 1 ئادەم ئۆلگەن.
سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى سانا ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھالەپ، ئىدلىب، ھاما ۋە دەمەشىق قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆكتىچىلەرگە قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ئۆكتىچىنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقلىرىنى، ئاپتوموبىللارنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.