جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسى سۇ يېتىشمەسلىك كىرىزىسىگە دۇچار بولدى

64178
جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسى سۇ يېتىشمەسلىك كىرىزىسىگە دۇچار بولدى

جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسى سۇ يېتىشمەسلىك كىرىزىسىگە دۇچار بولدى.

يۈننەن ئۆلكىسى داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ۋە ئىچىدىغان سۇنىڭ قىسلىقى تۈپەيلى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى. ئالاقىدار مەسئۇللار 1 مىليون 200 مىڭ كىشىنىڭ ئىچىدىغان سۇ قىيىنچىلىقىغا دۇچار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن 190 مىڭ گېكتار تېرىلغۇ يەر ۋە 625 مىڭ 500 تۇياق چارۋا مالنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان.

يۈننەن ئۆلكىسىدە يېقىنقى 4 ئايدىن بۇيان ھۆل – يىغىن نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەنلەپ كەتكەن بولغاچقا 69 سۇ ئامبىرىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەرلىك ھۆكۈمەتتىن قورغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە يېڭى سۇ مەنبەلىرنى تېپىش ئۈچۈن 223 مىليون يۇەن ( تەخمىنەن 35 مىليون 700 مىڭ دوللار) پۇل ئاجرىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر