سۈرىيە ئامىيەسى ۋاكۇئۇم بومبىسى ئارقىلىق ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

سۈرىيە ئاممىۋى ئىنقىلاب كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈرىيە ئامىيەسىگە ئائىت بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىدلىب شەھىرىگە قاراشلىق ئارماناز يېزىسىغا ۋاكۇئۇم بومبىسى ئاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى

63447
سۈرىيە ئامىيەسى ۋاكۇئۇم بومبىسى ئارقىلىق ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

سۈرىيە ئامىيەسى ۋاكۇئۇم بومبىسى ئارقىلىق ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
سۈرىيە ئاممىۋى ئىنقىلاب كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈرىيە ئامىيەسىگە ئائىت بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىدلىب شەھىرىگە قاراشلىق ئارماناز يېزىسىغا ۋاكۇئۇم بومبىسى ئاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ۋەقەدە 5 ى نارىسىدە بالا بولۇپ، جەمئىي 10 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئونلارچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيە يەرلىك كۈچلەرنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ ۋەيران بولغانلىقى ياكى زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، ئەتراپتىكى نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىللارنىڭمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدىن ئۆلگەنلەر بىلەن يارىلانغانلارنى چىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، ھۇجۇمدىن كېيىن خەلقنىڭ رايوندىن قېچىشقا باشلىغانلىقى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر