لىۋىيەدە ئاساسىي قانۇن تەييارلىق خىزمىتى باشلاندى

لىۋىيە ئاساسىي قانۇن تەييارلىق كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەتتەرھۇنى، يېڭى ئاساسىي قانۇن تەييارلىق پائالىيەتلىرىدە كومىتېتنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىنىڭ ئىسلام قانۇنى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى

63658
لىۋىيەدە ئاساسىي قانۇن تەييارلىق خىزمىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدە ئاساسىي قانۇن تەييارلىق خىزمىتى باشلاندى.
لىۋىيە ئاساسىي قانۇن تەييارلىق كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەتتەرھۇنى، يېڭى ئاساسىي قانۇن تەييارلىق پائالىيەتلىرىدە كومىتېتنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىنىڭ ئىسلام قانۇنى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تەرھۇنى، لىۋىيە تېلېۋىزىيە قانىلىدا بەرگەن باياناتىدا، ئاساسىي قانۇن تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مۇستەقىل خىزمەت ئىشلەيدىغان بىر ئورگان ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق بىر رەسمىي ۋەياكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى، ھەممە تەرەپنىڭ قاراشلىرىغا قىلچە ئايرىمچىلىق قىلماستىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
چەتئەللىكلەرنىڭمۇ ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە ياردەمچى بولۇشىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن تەرھۇنى، چەتئەللىكلەرنىڭ ياردىمىنىڭ لىۋىيەنىڭ مەدەنىىيىتى ۋە ئىسلام قانۇنىغا خىلاپ بولمىغان ئاساستا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر