8 - گ گۇرۇھى تۇنجى قېتىم رۇسىيەسىز يىغىنى چاقىرىدۇ

8- گ گۇرۇھى تۇنجى قېتىم رۇسىيەسىز 5 - 6 - ماي كۈنلىرى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىدۇ

63652
8 - گ گۇرۇھى تۇنجى قېتىم رۇسىيەسىز يىغىنى چاقىرىدۇ

8 - گ گۇرۇھى تۇنجى قېتىم رۇسىيەسىز 5 - 6 - ماي كۈنلىرى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىدۇ.
ئۇكرائىنا ۋە قىرىم كىرىزىسى تۈپەيلى رۇسىيەنىڭ 8 - گ گۇرۇھى يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقىنى توڭلىتىپ قويغان گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئامېرىكا، كانادا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، 7 - گ گۇرۇھى سۈپىتىدە 5 - 6 مايدا رىمدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، پەقەت ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىرىلا ئىشتىراك قىلىدىغان يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە ئېنېرگىيە جەھەتتىن بېقىندىلىقىنىڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈلۈش مەسىلىسى بولۇشىنى كۈتمەكتە.
رۇسىيە، دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان 8 دۆلىتىدىن تەشكىل تاپقان گۇرۇھقا 1998 - يىلى ئەزا بولغانىدى. لاھەيدە 24- مارت كۈنى بىر يەرگە جەم بولغان گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئامېرىكا، كانادا ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى، قىرىمنىڭ ئۆز ئالدىغا رۇسىيەگە قېتىلىشى تۈپەيلى رۇسىيەنى ئەزالىقتىن چىقىرىۋەتكەن، ئىيۇن ئېيىدا سوچىدا چاقىرىلىدىغان 8 - گ گۇرۇھى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭمۇ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىشىنى قارار قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر