ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىر مەھكىمىسىنى ئەيىبلىدى

كېچىكىپ بىلدۈرۈلگەن نارازىلىقتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانداق شەرت – شارائىت ئاستىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆلۈم جازالىرىغا قارشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

61834
ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىر مەھكىمىسىنى ئەيىبلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىردا 683 ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى؛ كېچىكىپ بىلدۈرۈلگەن نارازىلىقتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانداق شەرت – شارائىت ئاستىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆلۈم جازالىرىغا قارشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى، مىسىرنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش يۆنىلىشىنىڭ ئەندىشە قىلارلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى كەترىن ئەشتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مىسىردىكى بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ 683 ئادەمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشىغا قاتتىق قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك سوتلاشلارنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەشتىن، جاۋابكارلارنىڭ ھەربىرىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ توراقسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى، مىسىر ئەدلىيە تارماقلىرىنى جاۋابكارلارنىڭ ئىنىق جىنايى قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئادىل ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئاساسىدا سوتلىنىشى توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېررى بولسا، پايتەخت ۋاشىنگتوندا مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى نەبىل فەھمى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، مىسىرنىڭ ‹ناھايىتى قىيىن بىر ئۆتۈش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى› نى، مىسىرنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدا ئەنسىزلىك پەيدا قىلغۇچى قارارلارنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى نەبىل فەھمى، كېررى ئوتتۇرىغا قويغان مىسىردىكى ئەدلىيە سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈملىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن فەھمى، قانۇن سىستېمىسىنىڭ ھەر بىر دېلو توغرىسىدا ئاخىرىدا مۇۋاپىق قارار چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر