روزا ۋە قۇرئان ئېيى؛ رامىزان (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 20 - 2018

979121
روزا ۋە قۇرئان ئېيى؛ رامىزان (ئاۋازلىق)

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«رامىزان قۇرئان نازىل قىلىنغان ئايدۇر. قۇرئان ئنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى پەرىقلەندۈرۈپ بەرگۈچى روشەن تەلىماتلاردىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا ئەمدى سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىنى ئۇچراتسا، بۇ ئايدا تۇلۇق روزا تۇتىشى لازىم...» (سۈرە بەقەرە، 185ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھېجرەت قىلغىنىغا ئەمدى تېخى بىر يېرىم يىل بولغان بولۇپ، شابان ئېيىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى سۈرە بەقەرەنىڭ بۇ ئايەتلىرى رامىزاندا روزا تۇتۇشنىڭ پەرز قىلىنغانلىقىغىغا دائىر نازىل بولغان ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدى نەبەۋىدە رامىزان ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى جىكىلىگەن ئىدى:

«مۇبارەك رامىزان ئېيى بىلەن ئۇچراشتىڭلار، ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ ئايدا سىزلەرگە روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى. بۇ ئايدا جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئىچىلىپ، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى يېپىلىدۇ ۋە ئازغۇن شەيتانلار باغلىنىدۇ» (نەسائى، ناماز بابى، 5ھەدىس)

دەرۋەقە، ئون بىر ئاينىڭ سۇلتانى ھېسابلىنىدىغان رامىزاننىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىمىزدا ئۆزگىچە بىر ئورنى بار. چۈنكى رامىزان روزا ۋە قۇرئان ئېيىدۇر. رامىزان سەبىر، شۈكۈر، تۆۋبە ۋە تەپەكۈر ئېيىدۇر. رامىزان مىڭ ئايدىنمۇ خەيرىلىك قەدىر كىچىسىنى قوينىغا ئالغان ئەڭ شەرەپلىك ئايلاردىن بىرسىدۇر. رامىزان ئىبادەتتۇر، بەرىكەت ۋە مەغپىرەتتۇر. رامىزان تائەت، خەير ۋە ياخشىلىق ئېيىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىلدۈرىشىچە، رامىزان ئېيىنىڭ تۇنجى كېچىسى بىر مالائىكە «ئى ياخشىلىق تەلەپ قىلغۇچىلار! ئىبادەتكە ۋە بەندىچىلىك قىلىشقا كېلىڭلار! گۇناھلىرىڭلاردىن ۋاز كېچىڭلار!» (تىرمىزى، ناماز بابى، 1ھەدىس) دەپ خىتاب قىلىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! رامىزان روزا بىلەن ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ. تۇتقان روزىلىرىمىز ھەممىدىن بەك سەبىر، ئىرادە ۋە مېھرى شەپقەت تەربىيەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىزنى يېمەك ئىچمەك، ئارزۇ - ھەۋەس، خاتا ئىشتىياقلارنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قىلىشتىن قوغدايدىغان قالقانلىق رولىنى ئوينايدۇ.

قۇرئان كەرىمدىكى «ئى مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ يامانلىقلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى» (سۈرە بەقەرە، 183ئايەت) دېگەن بۇ ئايەتمۇ روزىنىڭ غايىسىنىڭ يامانلىقتىن ۋە گۇناھلاردىن ئۇزاق تۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«روزا بىر قالقاندۇر، سىلەردىن بىرسىڭلار روزا تۇتقاندا يامان سۆزلەرنى قىلمىسۇن، جىدەل قىلمىسۇن، ئۇنىڭ بىلەن بىرىسى جېدەل قىلسا، ياكى تىللىسا، <مەن روزىدارمەن> دەپ جاۋاپ بەرسۇن» (بۇخارى، روزا بابى، 9ھەدىس)

ئەزىز قېرىنداشلار! رامىزان ھاياتلىق كىتابىمىز قۇرئان نازىل قىلىنىشقا باشلانغان ئاي بولۇپ، قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى ۋە كىتابىدۇر. ئاللاھنىڭ كەلامى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ «سۆزلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلىدۇر» (سۈرە زەمەر، 23ئايەت) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تېلى بويىچە «قۇرئان سۆزلەرنىڭ ئەڭ توغرىسى، ئاللاھنىڭ كەلامىدۇر. ھال ۋە پوزىتسىيەنىڭ ئەڭ گۈزىلى بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھال ۋە پوزىتسىيەدۇر» (نەسائى)

قۇرئان كەرىم قىيامەتكىچە ھەرقانداق ماكان ۋە ھەرقانداق زاماندا ئىنسانلارغا ئەڭ توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان يولباشچىدۇر. قۇرئان رۇھىمىزغا شىپا، قەلبلىرىمىزگە رەھمەتتۇر. قۇرئان بىزگە رەببىمىزنى تونۇتىدۇ. جاۋابكارلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ. ئىنسان بولۇشنىڭ مەنىسىنى ۋە ئىنساندەك ياشاشنىڭ سىرلىرىنى ئۆگىتىدۇ.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! رامىزان قېرىنداشلىق، ھەمكارلىق ۋە ئورتاقلىشىش ئېيىدۇر. ۋاقتىنچە يېمەك ئىچمەكتىن ئۇزاق تۇرغىنىمىزدا، يوقسۇللارنىڭ ھالىنى چەشىنىشىمىز، نېمەتلەرنىڭ قەدرىنى بىلىشىمىز ۋە رىزىق بەخش ئەتكۈچى ئاللاھقا ھەققىگە يارىشا شۈكرى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. رامىزان ئېيى ناچار ئادەتلىرىمىزنى تاشلاش، ھاياتىمىزغا ياخشىلىق ۋە كۈزەللىكلەرنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىنى ئېچىش پۇرسىتىدۇر. رامىزان سايىسىدا بىز خەيرىلىكتە بەسلىشىمىز. ياخشىلىققا مەبلەغ سالىمىز. يامان سۆز ۋە يامان ھەرىكەتتىن ئۇزاق تۇرىمىز. بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق تۇيغۇلىرىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن ھېس قىلىمىز. ئارىمىزدىكى سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت مۇناسىۋەتلىرى كۈچلىنىدۇ. بۇ ئايدا قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ ياخشىلىقلارنىڭ ۋە خەيرىلىك ئىشلارنىڭ ساۋاب مۇكاپاتلىرى باشقا ئايلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇنداقتا كېلىڭلار تىلىمىزنى، قەلبىمىزنى، تەپەككەر دۇنيايىمىزنى ۋە پۈتۈن ھاياتىمىزنى رامىزان بىلەن ۋە روزا ئېلىپ كەلگەن گۈزەللىكلەر بىلەن ئۇزۇقلاندۇرايلى! قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش ۋە چۈشۈنۈشكە ھەر دائىمقىدىن كۆپرەك ۋاقىت چىقىرايلى! ئۇپرىغان كۆڭۈل ۋە زىھىنلىرىمىزنى قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرايلى! روزىلىرىمىزنى چىن تۇيغۇ بىلەن تۇتايلى! يالغۇز ئاشقازانىمىزغىلا ئەمەس، تىلىمىزغا، قولىمىزغا، كۆزىمىزگە، كۆڭلىمىزگە قىسقىسى پۈتۈن ئەزالىرىمىزغا روزا تۇتايلى! روزىمىز بىرنى پۈتۈن يامانلىقلاردىن قوغدىسۇن.

ئەزىز قېرىنداشلار! دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىدىن بىرسى مائارىپ بولۇپ، جەمئىيىتىمىز ئىسلامنى توغرا چۈشۈنۈپ، توغرا ئەمەل قىلىدىغان ئەۋلادلارنى يېىتىشتۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئوقۇ ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بولۇپمۇ قۇرئان كۇرسلىرى، خەلقئارالىق ئىمام- خەتىب مەكتەپلىرى ۋە ئىسلامىي ئىلىملەر ئالىي مائارىپ پىروگراممىلىرى دائىرىسىدە 111 دۆلەتتىن كەلگەن مىڭىلغان ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەرمەكتە. بۈگۈن مائارىپ پائالىيەتلىرمىزنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىنىدۇ. زاكات، فىترىلەر بولسىمۇ بۇ خىزمەت دائىرىسىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئاللاھ قىلغان ياردىمىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن.

خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىس - شەرىپى بىلەن ئاخىرىلاشتۇرماقچىز.

«چىن قەلبى بىلەن ئىشەنگەن ۋە مۇكاپاتىنى پەقەت ئاللاھتىنلا كۈتكەن ھالدا رامىزان ئېيىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ئۆتمۈشتىكى پۈتۈن گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ» (بۇخارى، ئىمان بابى، 27ھەدىس)

ئاللاھ بۇ رامىزاننى بىزلەرگە ئەبىدىيلىك نىجاتلىقنىڭ ۋەسىلىسى قىلىپ بەرسۇن ئامىن!!!

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر