باتىلغا قارشى ھەقنىڭ يېنىدا ئورۇن ئېلىش (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى - 02

887155
باتىلغا قارشى ھەقنىڭ يېنىدا ئورۇن ئېلىش (ئاۋازلىق)

باتىلغا قارشى ھەقنىڭ يېنىدا ئورۇن ئېلىش

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«جاكارلىغىنكى، ھەقىقەت كەلدى، باتىل يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن يوقۇلۇشقا مەھكۇمدۇر» (سۈرە ئىسرا 81 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس – شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئى ئاللاھىم! پۈتۈن ھەمدۇ - سانالار ساڭىلا خاستۇر. سەن ئاسمان زېمىننىڭ نۇرىسەن. پۈتۈن مەۋجۇدىيەتنىڭ يىگانە ئىگىسى ۋە رەببىسەن. سەن ھەقسەن. قىلغان ۋەدەڭ ۋە سۆزلىرىڭمۇ ھەق. سېنىڭ ۋىسالىڭغا ئېرىشىشمۇ ھەق. جەننەتمۇ ھەق. جەھەننەممۇ ھەق. پەيغەمبەرلەرمۇ ھەق. قىيامەت بولىدىغانلىقىمۇ ھەق.

ئى ئاللاھىم! ئۆتمۈشتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى، مەخپىي ياكى ئاشكارا پۈتۈن گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن، سەنلا مېنىڭ ئىلاھىم. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر» (بۇخارى، تەۋھىد بابى، 35 – ھەدىس)

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز يۈرتىدىن ھېجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندە مەككىنى فەتھى قىلغان ئىدى.  ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تۇغۇپ – ئۆسكەن ۋە ئىنتايىن سىغىنغان بۇ مۇبارەك شەھەرگە ئۇزۇنغىچە سىغىنىش بىلەن باقتى. ئاندىن چوشقۇن ھاياجان بىلەن بەيتۇللاھقا يۈزلەندى. تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەبىنىڭ ئىچىگە كىردى ۋە «جاكارلىغىنكى، ھەقىقەت كەلدى، باتىل يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن يوقۇلۇشقا مەھكۇمدۇر» (سۈرە ئىسرا 81 – ئايەت) دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، كەبە ۋە ئەتراپىنى بۇتلاردىن تازىلىدى. (بۇخارى، زۇلۇم بابى 32 – ھەدىس. مۇسلىم، جىھاد ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى بابى، 87 – ھەدىس)

دەرۋەقە، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ ئىسىملىرىدىن بىرسى «ھەق»تۇر. رەببىمىز ھەقنىڭ، ھەقىقەتنىڭ ۋە ئادالەتنىڭ مەنبەسى شۇنداقلا يىگانە ئىگىسىدۇر. ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قەدەر نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئىنسانلارنى ھەقنى تونۇشقا دەۋەت قىلغان ئىدى. ئىنسانىيەتنىڭ ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلى ھابىل بىلەن قابىلدىن باشلانغان ئىدى. ھابىل سەمىمىيەت ۋە ساداقەت بىلەن ھەقنىڭ يېنىدا ئورۇن ئالغان بولسا، قابىل تاماخورلۇق ۋە كۆرەلمەسلىكى بىلەن باتىلنىڭ يېنىدا ئورۇن ئېلىشنى تاللىغان ئىدى. شۇنىڭدىن تاكى قىيامەتكە قەدەر ھابىل ياخشىلارنىڭ ۋە ياخشىلىقنىڭ ئۈلگىسى، قابىل بولسا، ئۆتكۈزگەن جىنايىتى بىلەن يامانلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ خاتىرىلەنگۈسى.

ئەزىز قېرىنداشلار! ھەق؛ تەۋھىد ئەقىدىسىدۇر. ئاللاھقا ئىمان ۋە ساداقەتتۇر. پەقەت ئاللاھقىلا بەندە بولۇشتۇر. باتىل بولسا، ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى ئىنكار قىلىش، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈش، ھاۋايى- ھەۋەسلىرىگە قۇل بولۇش، ئاللاھنىڭ سان - ساناقسىز نېمەتلىرىگە كور ۋە گاس بولۇۋېلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ھەق؛ ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلامنىڭ ھايات بەخش پىرىنسىپلىرى ۋە ئىنساننى ھەقىقىي ئىنسان قىلىدىغان، دۇنيانى تېخىمۇ ياشاشقا لايىق ھالغا كەلتۈرىدىغان گۈزەللىكلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر. باتىل بولسا، ئۇلۇغ دىنىمىزغا ماس كەلمەيدىغان ئەقىدە ۋە قاراشلاردۇر. ئىسلامغا ئۇرۇش ئاچقان پىكىرلەر، ئىنساننىڭ غۇرۇرى ۋە سالاھىيىتىگە زىيان يەتكۈزۈدىغان يامانلىقلاردۇر.

ھەق؛ توغرا بىلەن خاتانى، ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىپ بېرىدىغان ھاياتلىق رەھبىرىمىز قۇرئان كەرىمدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قالدۇرغان تەڭداشسىز ئۈلگىلەردۇر. باتىل بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى قەلب – ئىددىيەلەردىن يۇيۇپ چىقارماقچى بولغان ھەرىكەتلەردۇر.

ھەقنىڭ يولى؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ، شېھىتلارنىڭ، ساداقەت ئەھلىنىڭ ۋە ئېسل مۆئمىنلەرنىڭ يولىدۇر. بۇ يولنىڭ مەنزىلى ئەبىدىي نېئمەتلەرنىڭ ماكانى بولغان جەننەتتۇر. باتىل بولسا، ئىنكارچىلارنىڭ، غەزەپكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ، توغرا يولدىن چىققانلارنىڭ ۋە ئىپلاسلارنىڭ يولىدۇر. بۇ يولنىڭ ئاخىرى ئازاب ۋە زىياننىڭ ماكانى بولغان جەھەننەمدۇر. 

ئەزىز قېرىنداشلار!  ھەقنىڭ يولىنى تۇتقانلار، زۇلۇمغا ۋە ناھەقچىلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۈمىدىگە ئايلانسا، باتىلدا بىرلەشكەنلەرنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى زالىمنىڭ ۋە زۇلۇمنىڭ ساداسى ۋە يانتايىقى بولىدۇ. 

ھەقكە قەلبىنى ئاتىغانلار، ئۇلۇغ قىممەت قاراشلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسا، باتىلنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقانلار، مەنپەئەتنى ۋە ئۆز مەنپەئەتىنى ئۈستۈن تۇتىدۇ.

ھەقنىڭ ئاشىقلىرى يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈپ تېخىمۇ ياخشى ياشىغىلى بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشكە تىرىشسا، باتىلنىڭ چاپارمەنلىرى پىتنە – پاسات، يالغان، بۆھتان ۋە بۇزغۇنچىلىق تىرىشنىڭ كويىدىلا چىپىشىپ يۇرىشىدۇ.

ھەقكە ئەگەشكەنلەر دۇنياغا ئادالەت، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىشنىڭ غېمىنى قىلسا، باتىلنىڭ تەرەپدارلىرى قان ۋە كۆز يېشى ئېقىتىشقا، شەھەرلەرنى خارابىلىققا ئايلاندۈرۈشقا، پىكىر ۋە قەلبلەرگە بۇزغۇنچىلىق سېلىشقا تىرىشىدۇ.

ئىستىقلال شائىرىمىز مەھمەت ئاكىف ئەرسويمۇ تۆۋەندىكى مىسرالىرى بىلەن ھەقسۆيەر قەلبلەرنى مۇنداق تەرىپلىگەن ئىدى:

قاناۋاتقان بىر يارا كۆرگەن ھامان يۈرەكتىن پۇچىلىنىمەن

ئۇنىڭغا مەرھەم بولۇش ئۈچۈن قامچا ھەتتا توقماقمۇ يەيمەن.

ئادەمگە «ئالدىرىما! كېتىپ تۇر!» دېيەلمەيمەن، ئالدىرايمەن.

يەنچىيمەن، يەنچىلسەممۇ، ھەقنى دائىم يۇقىرى كۆتىرىمەن.

دېمەك، ئەزىز قېرىنداشلار! شارائىت مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، باتىلغا قارشى ھەقنىڭ يېنىدا ئورۇن ئېلىشنى، ھەققانىيەتنىڭ تەرجىمانى بولۇشنى داۋاملاشتۇرايلى! بىر – بىرىمىزگە ھەقنى ۋە سەۋرچانلىقنى تەۋسىيە قىلايلى! شۇنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، بىز ھەقنىڭ خىزمىتىدىلا بولىدىكەنمىز، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە نۇسرىتى بىز بىلەن بىرگە بولىدۇ. ھەقنى يۇقىرى كۆرتىدىغانلا بولساق، باتىل بىزگە قەتئىي زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى ھەدىس - شەرىپى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز: 

«ئى ئاللاھىم! پۈتۈن ھەمدۇ - سانالار ساڭىلا خاستۇر. سەن ئاسمان زېمىننىڭ نۇرىسەن. پۈتۈن مەۋجۇدىيەتنىڭ يىگانە ئىگىسى ۋە رەببىسەن. سەن ھەقسەن. قىلغان ۋەدەڭ ۋە سۆزلىرىڭمۇ ھەق. سېنىڭ ۋىسالىڭغا ئېرىشىشمۇ ھەق. جەننەتمۇ ھەق. جەھەننەممۇ ھەق. پەيغەمبەرمۇ ھەق. قىيامەت بولىدىغانلىقىمۇ ھەق.

ئى ئاللاھىم! ئۆتمۈشتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى، مەخپىي ياكى ئاشكارا پۈتۈن گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن، سەنلا مېنىڭ ئىلاھىم. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر» (بۇخارى، تەۋھىد بابى، 35 – ھەدىس)

ئاللاھ ھەممىزنى ھەر دائىم زالىمغا قارشى مەزلۇمنىڭ يېنىدا، ناھەقچىلىككە قارشى ھەققانىيەتنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان ھەقىقىي مۇئمىنلەردىن قىلسۇن، ئامىن!!!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر