پايدىسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئىماننىڭ تەقەززاسى

پايدىسىز ئىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇش، ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ نامايەندىسىدۇر.

799789
پايدىسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئىماننىڭ تەقەززاسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! قۇربان ھېيتىڭلار ۋە جۈمە كۈنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

مۆئمىنلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ قۇتلۇق ھېيت ۋە جۇمە كۈنىگە بىزنى يەتكۈزگەن، بىزلەرگە ھېيت شاتلىقى نەسىپ قىلغان ئۇلۇغ رەببىمىزگە ھەمدۇ – سانالار بولسۇن! بىزلەرگە ئىمان ۋە ئىسلامنى، ئىبادەت ۋە ئەخلاقنى، ھەمدۇ – سانا ۋە شۈكرى ئېيتىشنى ئۆگەتكەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد – سالاملار بولسۇن!

يۇقىرىقى ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«مۆئمىنلەر غەيۋەت – شىكايەت ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھامان ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىيدۇ. مۆئمىنلەر <بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنىڭ جاۋاپكارلىقى بىزگە، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنىڭ جاۋابكارلىقى سىلەرگە بولىدۇ. سىلەرگە سالام بولسۇن. بىزنىڭ جاھالەتكە پاتقانلار بىلەن ئىشىمىز يوق> دەيدۇ» (سۈرە قەساس 55 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس – شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز سۆز، پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلە – مۇناسىۋەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇش، كىشىنىڭ ياخشى بىر مۇسۇلمان بولغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر» (تىرمىزى) 

ئەزىز قېرىنداشلار! بۈگۈن ئىككى بايرام بىر يەرگە جەم بولغان ئۇلۇغ بىر كۈن.

بۈگۈن ئۆزئارا يىقىنلىشىپ، قېرىنداشلىقىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشىمىز ئۈچۈن رەببىمىز بىزگە سوغا قىلغان سۆيۈنۈش كۈنىدۇر. بۈگۈن تەلەبىيەلىرىمىز بىلەن تەكبىرلىرىمىز بىرلىشىپ، تېلەكلىرىمىز ۋە دۇئالىرىمىز بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ئىلاھىي فەيز – رەھمەتكە تولغان بەرىكەتلىك بىر كۈندۈر.

دەرۋەقە، ھېيت – بايراملار قانداقتۇر پەقەتلا  كۆڭۈل ئاچىدىغان ۋە تەتىل شاتلىقىغا چۆمىدىغان كۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، مۆئمىننىڭ ھاياتىغا مەنە قوشۇدىغان، ئۇلارنى رەببىگە ۋە قېرىنداشلىرىغا يېقىنلاشتۇرىدىغان، مۆئمىنلەر خاتىرجەملىك ۋە شاتلىقلىرىنى ئۆزئارا ھەمبەھىرلىشىدىغان، دەرت – ئەلەم، قايغۇلىرىنى ئۆزئارا ياردەملىشىش ئارقىلىق ئازايتىدىغان كۈندۈر.

بىز مۆئمىنلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھېيتىمىزنى مانا بۇ ئاڭ بىلەن كۈتىۋالىمىز. ھېيتىمىزنىڭ ۋە ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر لەھزىسىنى رەبىبىمىزنىڭ رازىلىقىغا ئۇيغۇن سۆز – ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆتكۈزىمىز.  چۈنكى مۆمىن ئۆزىگە ۋە ئەتراپىدىلىكەرگە، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە پايدىسىز سۆز ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرىدىغان كىشىدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار!  ئىمان ئېيتىش ئەسلىدە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىق بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن بىزلەرگە بەخش ئېتىلگەن ھەر بىر نىئمەت شۈكرىنى تەقەززا قىلىدۇ.  بىزگە ئاتا قىلىنغان ھەر بىر ئىمكانىيەتنىڭ بىر مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.  بۇ ئىمكانىيەتلەرنى رەببىمىزنىڭ رىزالىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەتپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىش، قوغداپ مۇھاپىزەت قىلىش بىزنىڭ ئەڭ چوڭ  ۋەزىپىمىزدۇر.

مانا بۇ مەنىدىن تىلىمىز يالغانغا ئەمەس، راستقا توغرىلىنىشى لازىم. سۆزىمىز باتىلغا ئەمەس، ھەق ۋە ھەقىقەتكە تەرجىمان بولىشى لازىم. كۆزىمىز پىتنە – پاساتنى ئەمەس، ئىسلاھاتنى ۋە خاتىرجەملىكنى ئىزدىشى، قولىمىز يامانلىققا ئەمەس، خەيرىلىك ئىشلارغا ئۇزىتىلىشى، زىھنىمىز جەمىيەتكە يامانلىقنى ۋە رەزىللىكنى ئەمەس، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكلەرنى تارقىتىشى، قەلبىمىز نەپرەت ۋە ئاداۋەتنى ئەمەس، سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتنى تارقىتىشى لازىم.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ:

«قىيامەت كۈنى ئادەم ئەۋلادلىرى مۇنداق 5 نەرسىدىن ھېسابقا تارتىلماي تۇرۇپ، رەببىنىڭ ھوزۇرىدىن باشقا يەرگە قىمىر قىلالمايدۇ. ئۆمرىنى قەيەردە، قانداق تۈگەتكەنلىكى، ياشلىقىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى، مال – بايلىقىنى قەيەردىن تېپىپ، قەيەرگە خىراجەت قىلغانلىقى، ئىلمىگە يارىشا ئەمەل قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى» (تىرمىزى)

ئەزىز قېرىنداشلار!

بۇ ھەدىس – شەرىپتە كۆرگىنىمىزگە ئوخشاش، ھەممىمىز بىر ھېساب كۈنىگە قاراپ تېزدىن ئىلگىرلىمەكتىمىز. بۇ يولدىكى سەرمايىمىز، بىر دەقىقىسىنىمۇ بوش ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغان دەرىجىدە قىممەتلىك ئۆمرىمىزدۇر.  بۇ يولدا ئەڭ كاتتا كۈچ - قۇدرىتىمىز ئاللاھقا بولغان ئىمانىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىمىزنى ئاتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. بۇ يولدىكى تاپاۋېتىمىز بولسا، ياخشى، سالىھ ئەمەللىرىمىزدۇر. ئېنىقكى، بۇلارنى ئىسراپ قىلىش بىھۆدە يەرلەرگە بۇزۇپ چېچىش بىزگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ زىيان ۋە يوقۇتۇش بولىدۇ- ئەلۋەتتە.  

ھاياتلىق سەپىرىمىزدە بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ۋەزىمىپىز، ئورۇنسىز سۆز ۋە پوزىتسىيەلەردىن ئۇزاق تۇرۇشتۇر. چۈنكى ھەدىستە «مالايەنى» دەپ ئاتالغان مەنىسىز ۋە پايدىسىز سۆز ھەرىكەتلەر، بىرىنچى بولۇپ زىھنىمىزنى كېرەكسىز ئىشلار بىلەن ئاۋارە قىلىپ، كىشىلىك ئوبرازىمىزنى ۋە ئېتىبارىمىزنى خۇنۇكلەشتۈرىدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ھەتتا بىزنى ئەسىر ئېلىۋالىدۇ. نە دۇنيالىقىمىزغا، نە ئاخىرەتلىكىمىزگە پايدىسى بولمىغان ئىشلار، بىزنى خەيرىلىك، بەرىكەتلىك، گۈزەل ئىشلاردىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، ۋاقتىمىز ۋە ئۆمرىمىزنى ئۆلتۈرىدۇ.

مانا بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە «ۋاقىت توزىقى» دېيىشكىمۇ بولىدىغان بەزى تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى، ئىنتېرنېت تورلىرى ۋە ئويۇنلىرى گويا يېڭى بىر «مالايەنى» (يەنى بىمەنىلىك) ساھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. نە دۇنيالىققا، نە ئاخىرەتكە پايدىسى بولمىغان بۇ ئورۇنسىز ئىشلار كىشىنى ئۆز - ئۆزىدىن، رەببىدىن ۋە ئەتراپىدىكىلەردىن ئۇزاقلاشتۇرماقتا. قېرىنداشلارنى ياتلاشتۇرماقتا. ۋەھالەنكى مۆئمىنلەر ھەر ئىككى ئالەمگە پايدىلىق ئىشلارغا يۈلەنگەن ھەر قانداق چاغدا ۋاقتىنىڭ بەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. مۆئمىنلەر پەقەت ئىنسانىيەتكە يارىشىملىق سۆز ۋە پوزىتسىيەدە بولغان چېغىدىلا ئاندىن تاكامۇل ئىنسان بولۇپ،  يۈكسىلىدۇ ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلىم بەرگەن مۇنۇ دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:

«ئى ئاللاھىم! قۇلاقلىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، كۆزىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، تىلىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە قەلبىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىمىز. ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزلەنى بۇلارنىڭ شەررىدىن مۇھاپىزەت قىلغىن!» (نەسائى)  ئامىن!!!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر