30.03.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1611188
30.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا يۇمشاش سىگناللىرى چىققاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى مىشېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋوندېر لىيېننىڭ كېلەر ھەپتە ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» تورى (Tagesschau.de)، گېرمانىيەدە پارچە ساتقۇچىلارنىڭ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن ھەربىر كىشىگە 500 ياۋرو ھەدىيە قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددۇستۇر گېزىتى»، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىپ قالغان پاراخوت تارتىلغاندىن كېيىن، سۈۋەيىش قانىلىدىكى پاراخوت كىرىزىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييەت گېزىتى»، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامەد ئەلسانى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالماننىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ «ئومۇمىي خەۋپسىزلىك قانۇنى» نى تېز قوبۇل قىلىشتا كېلىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ئىسپانىيە ئىجتىمائىي ئىستراخۇانىيە ئىدارىسىنىڭ 2020-يىللىق خامچوتىدا چوڭ قىزىل رەقەم كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئىسپانىيەدە سەھىيە خىزمەتچىلىرىنى ئەملەش نەتىجىسىدە، بۇ گۇرۇپپا ئىچىدە يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈم سانلىرىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «ئېل ناسىيونال گېزىتى»، كۇبانىڭ ئۆزى ياساپ چىققان ۋۇخەن ۋىرۇسى  ۋاكسىناسىنى (Kovid-19) 124 مىڭ سەھىيە خىزمەتچىسى ئۈستىدە سىناق قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، ئاۋستىرالىيەنىڭ تۆت رۇس شىركىتى ۋە بىر رۇسىيە پۇقراسىغا، قىرىمدىكى پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن ئېمبارگو قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«گازەتەم.رۇ» تورى (Gazetem.ru)، رۇسىيەنىڭ «V سپۇتنىك» ۋاكسىناسىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن كېلشىم تۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر