08.11.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1302679
08.11.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات گېزىتى»، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ باغدادتىكى نامايىشلارنى كونترول ئاستىغا ئېلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، ئامېرىكادا چىقىدىغان «نىيۇسۋىك ژۇرنىلى» (Newsweek) نىڭ، ئىراقتا ھۆكۈمەت تارقالسىمۇ ئەمما، ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر گېزىت يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن كاتتىبېشى باغدادىنىڭ قېرىندىشى بىلەن ئايالىنىڭ تۈركىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» 10-نويابىر مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

چىلىدا چىقىدىغان «لا تېرسېرا گېزىتى» (La Tercera)، چىلى ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشلارنى كونترول ئاستىغا ئېلىشتا قىيىنىلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، 2018-يىلى نويابىردىن 2019-يىلى ئىيۇن ئېيىغىچە 3000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، ياغلىق چەگكەن ئاياللارنى «خاللوۋېن جادىگەرلىرى» (Halloween ) گە ئوخشاتقان كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ جازاغا ئۇچرىمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانيە ئاۋازى رادىيوسى سۈرىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان دائېشچىلارنىڭ يېڭى خەتەر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «دى ۋېلت گېزىتى» (Die Welt)، مېركېلنىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرونغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ناتو بىخەتەرلىكىمىزنىڭ ئاساسى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ز د ف» تېلېۋىزىيەسى (ZDF)، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ گېرمانىيەگە زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «رىيا نوۋوستى گېزىتى» (Ria Novosti)، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەل باغدادىنىڭ ئەتراپىدىكى 13 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى»، رۇسىيە تىك ئۇچارلىرىنىڭ سۈرىيەدە ھەر كۈنى چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر