چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 26.09.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1276917
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 26.09.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «‹Tagesschau.de › خەۋەرلەر تورى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

Thomas Cook  شىركىتىنىڭ ئەنگلىيەدە ۋەيران بولۇشىدىن كېيىن، ھەممىنىڭ دىققىتى گېرمانىيەگە ئاغدۇرۇلدى. شىركەتنىڭ گېرمانىيەدىكى شۆبىلىرى بولغان  Thomas Cook Neckermann ، Öger Tours، Air Marin  ۋە Bucher Reisen  مۇ ۋەيران بولغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Weser-Kurier ›  ئاخبارات ئورگىنى»، گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان كىيېۋغا 1.4 مىليارد ياۋرو ياردەم قىلغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، «بۇ لايىھەدىن مەقسەت پەقەت ئىتالىيەنىڭلا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىسپانىيە بىلەن گىرېتسىيە پارىژ بىلەن بېرلىن باشلامچىلىق قىلىۋاتقان كۆچمەنلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلان – لايىھەسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈۋاتىدۇ.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «<ئەلمۇندو> گېزىتى» (El Mundo)، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئىسپانىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ فرانكونىڭ مەقبەرىسىنى يۆتكەشكە ئالاقىدار چىقارغان قارارىغا سابىق دىكتاتورنىڭ نەۋرىسى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۆلۈكلەر بىلەن ھەپىلىشىش پەقەت قورقۇنچاقلارنىڭلا ئىشىدۇر.»

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ La Vanguardia › گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:

 كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇكۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى نۇتىقىدا، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنى ELN  مەنسۇبى بولغان تېررورچىلار ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىنىڭ، «رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ماڭا مەن بىلەن تونۇشۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ھەمدە دۇنباستىكى ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى » نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: « ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىنىڭ يازما نۇسخىسىنى ئېلان قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.»

رۇسىيەدە چىقىدىغان«‹ Izvestiya› گېزىتى»، رۇسىيەنىڭ Azur-Air  ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت « Boeing 767-300 » ناملىق ئايروپىلاننىڭ بارنۇئال ئايرودۇرۇمىغا جىددىي قونۇشى نەتىجىسىدە يارىلانغانلار سانىنىڭ 56 غا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان «‹ئەششەرقۇل ئەۋسەت› گېزىتى»، رىياد بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قوغداش كۈچى ئەۋەتىش مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ پارلامېنتقا قايتىشىنىڭ سۈركىلىشكە سەۋەب بولغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر