چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 17.09.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1270901
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن: 17.09.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيەدە 2018 – يىلى بالىياتقۇ بوينى راكى سەۋەبىدىن  مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Parisien › گېزىتى»، يېڭى «زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى  كۈرەش» پىلانى ئۈچۈن فىرانسىيەلىك 4 مىنىستىرنىڭ مارسىلياغا كەتكەنلىكىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى»، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El País › گېزىتى»، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى ئىختىلاپ مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ «‹ Telesur› تېلېۋىزىيە قانىلى»، ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ  پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرونىڭ ئۆكتىچىلەر بىلەن پۈتۈشكەنلىكىدىن  ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى يازدى.

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئەنقەرەدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئارامكو نېفىت مۇئەسسەسەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملار ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا،  قۇرئان كەرىمدىكى بىر ئايەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بارلىق تەرەپلەرنى  تىنچلىق ئورنىتىشقا چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال - ياراغ سېتىش بېرىش تەكلىپىنى سۇندى.

«‹ Aljazeera.net› خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ئەنقەرەدە چاقىرىلغان ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا، سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.»

«‹ AlJazirah› گېزىتى»، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسىنىڭ، «ئىران تەھدىتلىرى پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستانغىلا قارىتىلغان ئەمەس، ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە پۈتكۈل دۇنياغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەدە ئايراىمچىلىققا قارشى تۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ Lenta.ru › خەۋەرلەر تورى»، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئارامكو نېفىت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانغا رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشى توغرۇلۇق تەكلىپ سۇنغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان«‹ Izvestiya› گېزىتى»، رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيەنىڭ 17 رايونىدا تېررورچىلار ئۇۋىسى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Die Welt › خەۋەرلەر تورى»، تۈركىيەنىڭ ئىران ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىدلىبتىكى پۇقرالارنى قوغداشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹ Süddeutsche Zeitung › گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ دېموكراتىك تۈزۈمنى سىناۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، «خوڭكوڭ توقۇنۇش سەھنىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «كۆپ ساندىكى خوڭكوڭلۇق ياش رادىكاللىشىپ كەتتى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىشىنى توغرا دەپ قارايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر