11.06.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1216388
11.06.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەلشەرق ئەلئەۋسات گېزىتى» (Alsharq Alawsat)،  رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەل قاتارىييا گېزىتى» (Al-Raya Al-Katariya)، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سۇداندا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرگە ئارىلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلھايات گېزىتى»، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان ئەل جامائە ئەل ئىسلامىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن  شەيخ مۇھەممەد قاسىم ئەل جاررارنىڭ سۈيىقەستكە ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لان گۇاردىيا گېزىتى» (La Vanguardia)، پېدرو سانچېز (Pedro Sánchez) نىڭ قايتىدىن ۋەزىپىسىگە قايتىپ كېلىش ئۈچۈن، مۇقىملىقنى ياكى سايلامنى تاللاشنى مەقسىتىدە مۇزاكىرەلەرنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوباي گېزىتى» (Infobae)، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مېكسىكاغا يەنە بىر قېتىم تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر گېزىتى» (Telesur)، نىكاراگۇا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە تەستىقلانغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قانۇنى بويىچە 50 كىشىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، لاتىن ئامېرىكانىڭ گېرمانىيە شىركەتلىرىگە دۇنيا مىقياسى بويىچە ئەڭ ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «بادىشې زەيتۇڭ گېزىتى» (Badische Zeitung)، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاسنىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدە، ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن كىرىزىسى ئۈچۈن «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى» نى تىلغا ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرتېر ئالگېماينې زەيتۇڭ گېزىتى» (Frankfurter Allgemeine Zeitung)، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاسنىڭ ئىران پايتەختى تېھراندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىف بىلەن كۆرۈشكەندە: «ئىران بىلەن يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىش، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde )، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا چېتىشلىق 12 يېتىمنىڭ فىرانسىيەگە قايتقانلىقىنى ۋە فىرانسىيەنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ، ھەر بىر ۋەقەنى ئايرىم مۇستەقىل ھالدا مۇزاكىرە قىلىش شەكلىدە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لۆ باغىرىزيېن گېزىتى» (Le Parisien)، پىرېزىدېنت ماكروننىڭ  2022-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا لۆ پېننى ئۆزىگە رىقابەتچى سۈپىتىدە كۆرۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لىبىغاسيون گېزىتى» (Libération )، ئامازوننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ماركاسى بولۇش سۈپىتىدە گوگۇلنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Gazeta.ru» تور بېتى، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسى سەۋەبىدىن، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئاندرويىد (Android) نىڭ ئورنىغا رۇسىيەدە ياسالغان «ئاۋرورا» (Avrora) يۇمتالىنى ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Vesti.ru» تور بېتى، داغىستاننىڭ ماخاچقەلئە پورت شەھىرىدە بىر نېفىت ئاپتوموبىلىنىڭ پارتلاپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رېگنۇم ئاگېنتلىقى» (REGNUM)، مولدوۋا دېموكراتىك پارتىيەسى باشلىقىنىڭ رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مەخپىي سىياسىي تەكلىپ سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر