04.01.2019

چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1119348
04.01.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:«Deutsche Welle» تۈركىيە بىلەن ئىراقنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Handelsblatt» گېزىتى، تۈركىيەدە يىللىق پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ كۈتۈلگەننىڭ دەل ئەكسىچە تۆۋەنلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Bild» گېزىتى، ئالما شىركىتىنىڭ بىر كۈندە 75 مىليارد دوللار زىيان تارتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«El País» ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ فىرانچونى مازىرىدىن چىقىرىش ئۈچۈن ۋاتىكاندىن رۇخسەت ئالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«El Mundo» بولسونارو ھۆكۈمىتىنىڭ كوممۇنىستلارنى ئوۋلاش ھەرىكىتى باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Prensa Latina» ئۇرۇشقاقلىقىغا قارىماستىن ۋېنېزۇئېلا بىلەن كولومبىيەنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ALSHARK ALAWSAT» تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئەترىتىنىڭ بۇرسا ۋىلايىتىدە دائېش بىلەن چېتىشلىقى بولغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىككى فىرانسىيە پۇقراسىنىمۇ قوشقاندا، جەمئىي 12 كىشىنى نازارەتكە ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ELHAYAT» ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېرېمىي ھۇنتنىڭ، «سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن يەنە خېلى مەزگىلگىچە ھاكىمىيەت بېشىدا قالىدۇ. بىراق، ئەنگلىيە بەششار ئەسەدنى ھازىرمۇ تىنچلىقنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇ، دەپ قارايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ALMUATAQBAL» پومپېيۇ بىلەن نېتانياھۇنىڭ سۈرىيە ۋە ئىران مەسلىسىدىكى ھەمكارلىقىلىرىنى داۋملاشتۇرۇشقا ۋەدىلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Le Parisien» سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ: «ھۆكۈمەت سۆزلىرىنى بارغانچە قاتتىقلاشتۇرماقتا» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Le Monde» گېزىتى، «تېررورچى پېتېر شەرىفنىڭ قېچىش باسقۇچى ھەققىدە ئېنىق بولغان مەلۇماتلار» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

«Le Figaro» «گوگۇل 2017 يىلىدا بىرمۇداغا تەخمىنەن 20 مىليارد ياۋرو يوللىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

«TASS» ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابىنىڭ رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق تېمىسى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇزاكىرىلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Lenta» گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى دىرىك ۋېسنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر