چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 29.06.2018
بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
فىرانسىيەنىڭ «AFP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلامدىكى غەلىبىسى ئۈستىدە توختىلىپ، «كاتتا سىياسىي ئۈستۈنلىكىدىن مەمنۇلۇق ھېس قىلدىم» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ياپونىيەنىڭ «NHK» تېلېۋزىيەسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلامدا يەنە ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رۇسىيە ئاۋازى رادىيوسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا پۈتۈن دۇنيا رەھبەرلىرىدىن ئۈزۈلمەي تەبرىكنامىلەر كېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ «CNN» خەلقئارا خەۋەر قانىلى، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە سايلاملىرىدىكى زەپىرىنى ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.
گېرمانىيەنىڭ «DW» ئىنتېرنېت بېتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سايلامدىكى ئۇتۇقىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ «CNN» خەلقئارا خەۋەر قانىلى، ئامېرىكىنىڭ قوشۇمچە تاموژنا بېجىغا تۈركىيەنىڭمۇ ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
قىرىمنىڭ «QHA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئۇكرائىنادا 5 – ئىيۇلدىن 4 – ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزلىدىغان «يازغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئېيى فېستىۋالى» نىڭ شەرەپ مېھمىنى تۈركىيە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رۇسىيەنىڭ سىپۇتنىك ئىنتېرنېت تور بېتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «ئۇكرائىنانىڭ ئۆز كۈچىگە تايانغان ئاساستا تېخىمۇ كۈچىيىشىنى خالايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقى، «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ئادىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېگەن تېمىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.
ئىراننىڭ فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان <S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى مەسلىسىدە، ئامېرىكا بىلەن مۇرەسسە قىلمايدۇ» دېگەن تېمىدا خەۋەر ئېلان قىلدى
ئامېرىكىنىڭ «CNN» خەلقئارا خەۋەر قانىلى، ھەر يىلى مىڭلىغان ساياھەچىلەرنى كۈتىۋاتقان «بوزقىرلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى دېڭىزى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان، ئەسكىشەھەردىكى «شەھەر باغچىسى» نىڭ يازلىق ساياھەت پەسلى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.