چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 31.05.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

742806
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 31.05.2017

ئەنگلىيەدىكى رويتېرس (Reuters) خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئەردوغان-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇچرىشىشى ئوڭۇشلۇق ئۆتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىريۇسسېلدىكى ياۋروپالىق مەسئۇللار، ئۆتكەن ھەپتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى دونالد ترامپ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جېن-كىلاۋۇد جۇنكېرنىڭ ئۇچرىىششىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكىنى،بىراق يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇچرىشىشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇرۇنقى پوزىتسىيەلىرىنى تەكىتلەشكەنلىكلىرىنى  بىلدۈرگەن ياۋروپا تاراتقۇلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بۇ يىل ئىچىدە ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى خەۋەر قىلدى.»

گېرمانىيەدىكى  Deutsche Welle ئاگنېتلىقى «ئەردوغان گېرمانىيەدە يېڭى ئادۋۇكات تاپتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «نېمىس كومىدىيە ئارتىسى جېن بۆھمەرمەن ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىنغانلىقى، بۇ ئىشتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئادۋۇكاتلىقىنى مۇستافا كاپلاننىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. مۇستافا كاپلان گېرمانىيەدە 2000-يىلدىن 2007-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 8ى تۈرك بولۇپ جەمئىي 10 كىشىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن  ناتسىست سوتسىيالىست يەرئاستى تەشكىلاتى ئەزالىرى سوتلانغان دېلونىڭ ئادۋۇكاتلىرىدىن ئىدى. كۆھلىندە خىزمەت قىلىدىغان ئادۋۇكات مۇستافا كاپلان نېمىس كومىدىيە ئارتىسى بۆھمەرمەن ئۈستىدىن سوتقا قىلىنغان ئەرزدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئادۋۇكاتى بولىدۇ.»

رۇسىيەدىكى خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقى Sputnik «تۈركىيە يېقىندىن قىزىقىۋاتقانMS-21 تىپلىق رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇنجى سىناق ئۇچۇشىنى ئېلىپ باردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن  MS-21 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى سىناق ئۇچۇشىنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ، مۇئاۋىن باش مىنىستىر دىمىترىي روگوزىن بىلەن ئىركۇت شىركىتى خادىملىرىنى تەبرىكلىدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ يىل 10-مارتتا پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە تۈركىيەنىڭ MS-21 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتقانىدى. ئارقىدىن ئىركۇت شىركىتىمۇ تۈركىيەدىكى بەزى تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى. MS-21 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىركۇت شىركىتى تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن 150 ۋە 212 كىشىلىك قىسقا ۋە ئوتتۇرا مۇساپىلىك قوش موتۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانىدۇر.»

ئىتالىيەدىكى ئاسكانېۋىس خەۋەر ئاگېنتلىقى «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن 13-ئىيۇندىن باشلاپ يول خەرىسىتى ئۈستىدە خىزمەت ئىشلىنىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىمىزدىكى 12 ئايدا تاموژنا ئىتتىپاقى ۋە كۆچمەنلەر كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش، شۇنداقلا يېقىنقى كۈنلەردە يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن يول خەرىتىسى بېكىتىپ چىقىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. تۈركىيە تاراتقۇلىرى  بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى يىغىننىڭ 13-ئىيۇندا چاقىرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، بۇ قېتىمقى يىغىنغا مىنىستىرلاردىن سىرت باشقارما باشلىقلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىشتىراك قىلىدۇ، ئىيۇلدا چاقىرىلىدىغان يىغىنغا مىنىستىرلارلا قاتنىشىدۇ. ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىساد مەسىلىلىرى ئالدىمىزدىكى ئايلاردا كېڭەش قىلىنىدۇ. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا 25-مايدا بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا 12 ئايلىق ئىستىراتېگىيە ئاساسەن بېكىتىلدى. ئەردوغان يىغىندا مۇساپىرلار ئۈچۈن ئاجرىتىلغان پۇللارنى تارقىتىش ۋە مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشقا ۋەدە بەرگەن دۆلەتلەرگە مۇساپىرلارنى تەقسىم قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرۇش لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىمۇ قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.»

گېرمانىيەدىكى DPA ئاگېنتلىقى «تۈركىيە سولىنگېن ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 24 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئىرقچىلىقنىڭ ياۋروپادا ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «گېرمانىيەنىڭ سولىنگېن شەھىرىدە بىر تۈرك ئائىلىسىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 24يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپادا ئىرقچىلىقنىڭ بارغانچە ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:<سولىنگېن قەتلىئامىغا ئوخشاش بىر تىراگېدىيەنىڭ قايتىدىن يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. سولىنگېن ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىگە 24 يىل بولغان بولسىمۇ، تۈرك خەلقىنىڭ جاھارىتى ھازىرغىچە ساقايغىنى يوق.>شىمالىي رېن-ۋېستفالىيە ۋىلايىتىنىڭ سولىنگېن شەھىرىدە 1993-يىلى 29-مايدا يۈز بەرگەن بۇلاڭ-تالاڭ ۋەقەسىدە ياشلىرى 4 ياشتىن 27 ياشقىچە بولغان 5 تۈرك ئايال ئۆلدى. سولىنگېن ۋەقەسى 1990-يىللاردا گېرمانىيەدە مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار ئىرقچى ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ ۋەھشىسى ھېسابلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر