چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 24.05.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

738126
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 24.05.2017

گېرمانىيەدىكى DPA ئاگېنتلىقى «ئەردوغان مانچېستېردا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە ئوقۇرمەنلىرى بىلەن مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى: «تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىدە كونسېرت ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئەسنادا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىبلدى. ئەردوغان ۋەقە ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: <تۈركىيە ئەنگلىيە دۆلىتى بىلەن خەلقىنىڭ قايغۇلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشلەردە باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئەنگلىيە بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىمىزنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكمەكچىمەن.> تۈركىيە داۋملىق تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلمەكتە.»

قاتاردىكى ئەلجەزىرە تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ تۈركچە ئىنتېرنېت بېتى«چاۋۇشئوغلۇ يېقىندا تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باشچىلىقىدا 24-25 ماي كۈنلىرىدە چاقىرىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ۋاقىتىنىڭ بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. چاۋۇشئوغلۇ مەلۇم بىر خۇسۇسىي تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بىر قىسىم ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ ناتو ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكۈسى بارلىقىنىمۇ بىلدۈردى. بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىمۇ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن ياۋروپالىق مۇتەخەسىسلەرنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ تېگىشلىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.»

ئامېرىكا ئاۋازى «ي پ گ سەۋەبىدىن چىققان ئىختىلاپلار تاكتىكىلىق مەسىلىدۇر»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىنى جوناتھان كوھېن ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆتكۈنچى ۋە تاكتىكىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئوتتۇراشەرق ئىنىستېتۇتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان كوھېن <ي پ گ گە بىرمۇ مەسىلىدە ۋەدە بەرمىدۇق>دېدى. تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن كوھېن، سۈرىيە ۋە ي پ گ مەسىلىسى توغرۇلۇق تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: <بىز بۇنى تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا ئېلىپ بېرىشنى خالايمىز>.»

گېرمانىيەدىكى DPA ئاگېنتلىقى « مارتىن سچۇلز، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرگە خاتىمە بېرىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى نەقىل قىلدى: «گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملاردا ئانگېلا مېركېلنىڭ رەقىبى بولغان ئىجتىمائىي دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ نامزاتى مارتىن سچۇلزنىڭ تۈركىيە توغرۇلۇق دېگەن سۆزى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرۇلۇق توختالغان سچۇلز، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قانداق ھەمكارلىققا مايىل بولۇشى كېرەكلىكىنى، شۇڭا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى لازىملىقىنى ياقلىدى. سچۇلز بۇ ھەپتە دۈشەنبە كۈنى بېرلىندا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلۇشى ۋە تۈركىيەنىڭ چەتكە قېقىلىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»

رۇسىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى Ria Novosti «چەكلمىلەرنى بىكار قىلىش تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى«رۇسىيە بىلەن تۈركىيە سودا چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالىدى. ئىقتىسادشۇناس ئانتون شابانوۋ بۇ قەدەمنىڭ ھەم رۇسىيە ھەمدە تۈركىيەگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشى نەتىجىسىدە سودىنىڭ جانلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان رۇسىيەلىك ئىقتىسادشۇناس مۇنداق دېدى: <ئېمبارگولار بىكار قىلىنغاندا بازارلار جانلىنىدۇ ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، ئىقتىسادىي دىيالوگ ۋە سودا كۈچىيىدۇ، شىركەتلەرنىڭ كىرىملىرى ئاشىدۇ، نەتىجىدە ئىقتىساد كۈچىيىدۇ>.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر