چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 26.04.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

720894
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 26.04.2017

گىرېتسىيەدىكى Kathimerini كۈندىلىك گېزىتى «ياۋروپا ئىتتىپاقى كېلىشىمگە رىئايە قىلسا مۇناسىۋەت تۈزىلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەرگە تولۇق رىئايە قىلىنغان تەقدىردە ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈزىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردى. ئىبراھىم كالىن تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن بېسىم پەيدا قىلغان كۆچ دولقۇنىغا توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە مۇساپىرلارغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ زور پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش توغرۇلۇق تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندىمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. رېفېراندۇم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىرقچى، فاشىست ۋە ناتسىستلارچە سىياسەت يولغا قويغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئىبراھىم كالىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېلىشىملەرنىڭ روھىي بويىچە ئىش تۇتقان تەقدىردە ئەنقەرە-بىريۇسسېل مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورمال ھالەتكە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كېلىشىم تۈركىيە پۇقرالىرىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە ۋىزىسىز كىرىش ھوقۇقى بېرىشنى مەزمۇن قىلىدۇ.»

رۇسىيەدىكى رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى Ria Novosti «تۈركىيە دۇنيانىڭ سۈرىيەگە بولغان مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «تۈركىيە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سۈرىيەگە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىش جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋەيسى كايناك سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ خەلقئارادا يېتىم قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى. يەمەندە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلغان كايناك تۈركىيەنىڭ ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:<تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتە يالغۇز قېلىشى بىزنى ھەقىقەتەن مەيۈسلەندۈرىدۇ. سۈرىيە مەسىلىسىدە بىزگە بېرىلگەن ۋەدىلەر ئورۇندالمىدى، سۈرىيەگە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىشتە تېگىشلىك قەدەملەر تاشلانمىدى>. ۋەيسى كايناك ئەنقەرەنىڭ يەمەنگە بىر مىليارد دوللارلىق ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.»

ئىران فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرنا «ئىبراھىم كالىن ھېچكىم رېفېراندۇم نەتىجىلىرىدىن گۇمان قىلمىسۇن»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ھېچكىمنىڭ گۇمان قىلىش ھەققى يوقلىقىنى ئېيتتى. ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا پارلامېنت تۈزۈمىدىن جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىگە ئۆتۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا خەلقنىڭ ماقۇللۇق رايىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىبراھىم كالىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پات يېقىندا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قايتىدىن رەئىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رېفېراندۇم ۋە نەتىجىلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئىبراھىم كالىن مۇنۇلارنى دېدى: <ياۋروپا مەسئۇللىرى بۇ قېتىمقى رېفېراندۇمدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئورۇن ئالماسلىقىنى ئارزۇ قىلاتتى، بىراق بۇنىڭدىن تامامەن پەرقلىق نەتىجە ھاسىل بولدى.»

گېرمانىيەدىكى DPA گېزىتى «تۈركىيەدە پايچىكلارنىڭ قىممىتى بىردىنلا ئۆرلەپ كەتتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «فىرانسىيەدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرى ۋە تۈركىيەدىكى رېفېراندۇم تۈركىيە پايچىك بازارلىرىنىڭ جانلىشىغا سەۋەب بولدى. ئىستانبۇل پايچىك بازىرىدا 100 ئىندىكسى يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىپ 93:650 گە كۆتۈرۈلدى، فىرانسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ بانكىلىرىدىن بولغان BNP پارىباسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بانكىچىلىق، پولات-تۆمۈر ۋە ئاۋىئاتسىيە ساھەلىرى زور كىرىم قىلغان.»

ئەنگلىيەدىكى BBC تۈركچە تور بېتى «يىلدىرىم يېڭى قانۇنلار ئۈستىدە ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقا تەييارىمىز، دېدى »سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىنىڭ 97-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پارلامېنت بىناسىنىڭ شەرەف زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار ئۈستىدە توختالدى. مەزكۇر قانۇنلار ئۈچۈن ئامال بار ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان يىلدىرىم مۇنداق دېدى:<ناۋادا بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىساقمۇ يولىمىزنى ئىككىلەنمەي داۋاملاشتۇرىمىز>.»

رۇسىيەدىكى SPUTNİK ئاگېنتلىقى «فىكرى ئىشىك ئىككى رەھبەر مۇھىم مەسىلىلەردە كېلىشسە مەسىلە ھەل بولىدۇ، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: « S-400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى توغرۇلۇق سۆز قىلغان مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىك مۇنداق دېدى: <بۇنىڭدىن كېيىن بىزگە نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى ھالقىق مەسىلىلەردە ئىككى رەھبەرنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىدۇر>. فىكرى ئىشىك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 3-مايدا كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىشىك ئىككى رەھبەرنىڭ  بۇ ساھەدە قايسى قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ كېڭەش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر