چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 30.11.2016

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

620676
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 30.11.2016

ئەنگلىيەدىكى خەۋەر تور بەتلىرىدىن ئەل-شەرق ئەۋسات «مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان كۇرتۇلمۇش بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان كۇرتۇلمۇش يېقىنقى كۈنلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ئىككى يۈزلىمە سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش ۋە تۈركلەرگە ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بېكار قىلىشقا ۋەدە بېرىپ تۇرۇپمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت قىلمايۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن كۇرتۇلمۇش مۇنداق دېدى: <ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بېكار قىلمىسا، تۈركىيە مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە بېرىشىغا توسالغۇ بولۇشتىن ۋاز كېچىدۇ.> كۇرتۇلمۇش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي-سىياسىي ئىسياندىن كېيىن تۈركىينىڭ دېموكراتىيەسىنى قوللاشتىن ۋاز كەچكەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:<شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز،ھەتتا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشىمىز غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئازۇيىمىزنى سۇسلاشتۇرۇۋەتمەيدۇ>.»

ئىتالىيەدىكى كۈندىلىك گېزىت Giornale «ياۋروپادا كۆچ ئەندىشىسى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرى مەسىلىسىدە ھەر خىل باھانىلەرنى قىلىپ داۋاملىق گوللاپ كېلىشى تۈركىيەدە قاتتىق نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. مۇساپىرلار مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەت ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقان ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بەلگىلىسىمىنى بېكار قىلىش  مەسىلىسىدە گوللاش تاكتىكىسى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىككى يۈزلىمە پوزىتسىيەگە قارىتا، تۈركىيە ياۋروپاغا بارماقچى بولغان كۆچمەن ۋە مۇساپىرلارغا بارلىق توساقلارنى ئېلىۋېتىشنىڭ سىگنالىنى بەرمەكتە. بۇ ئەھۋال قەرز پاتىقىغا پېتىپ كېتىۋاتقان گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا. تۈركىيەدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ياشاۋاتقان سۈرىيەلىكلەر ياۋروپاغا كېتىش يولى ئېچىلغان تەقدىردە، ياۋروپاغا كېتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە. نۆۋەتتە تۈركىيەدە 3 مىليون مۇساپىر ياشىماقتا.»

ئامېرىكىدىكى خەۋەر تور بەتلىرىدىن TURKISHNY « ئەردوغاننىڭ باياناتى ياۋروپانى تىترەتتى»سەرلەھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مۇساپىرلار توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرى ياۋروپادا قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ <ھەددىڭلار تېخىمۇ ئاشساڭلار چېگرا ئېغىزلىرى ئېچىلىدۇ>دېگەن سۆزلىرى، گىرېتسىيە ۋە بۇلغارىيەدە مۇساپىرلارغا قارىتا جىددىي تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىغا سەۋەب بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلىشىدىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاياللار دېموكراتىيەسى جەمئىيىتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان ئادالەت ۋە ئاياللار يىغىنغا ئىشتىراك قىلغاندا مۇنۇلارنى دېدى: <كاپىكۇلە چېگرا ئېغىزىغا 50مىڭ مۇساپىر كەلگىنىدە پەرياد قىلىشتىڭلار. ئەگەر تېخىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كەتسەڭلار، چېگرا ئېغىزلىرى ئېچىۋېتىلىدۇ، بۇنى بىلىپ قېلىڭلار.»

خىتاي خەلقئارا رادىيوسى «نۇسرەت 2016 دەۋەت ھەربىي مانېۋىرى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن نۇسرەت 2016 دەۋەت ھەربىي مانېۋىرى داۋاملاشماقتا. 25-نويابىردا باشلاپ 4-دېكابىردا ئاخىرلىشىدىغان ھەربىي مانېۋىر ئىزمىر قولتۇقىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە. ھەربىي مانېۋىرغا بەھرەيىن، گىروزىيە، قاتار، كۇۋەيت، جەنۇبىي كورېيە، لىۋان، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق جەمئىي 16 دۆلەتتىن 20 كۆزەتكۈچى ۋە رومىنىيەدىن ئىككى ھەربىي ئەترەت  قاتناشتى. بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنىڭ مەقسىتى مىنا پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەدبىقلاش جەھەتلەردە ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش، ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە تەۋە مىنا ھەربىي ئامىللىرىنى بىرلىكە ھەرىكەتلەندۈرۈش قابىليىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.»

قاتاردىكى ئەل-جەزىرە مېدىيا ئورگىنى «تۈركىيەدىن ئايرىلىپ قېلىش ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن بەدىلىنى تولۇقلاپ بولغىلى بولمايدىغان چوڭ ئىشتۇر»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان كۇرتۇلمۇش، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا يېقىن كۈنلەردە يۈز بەرگەن سۈركىلىش توغرۇلۇق توختىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: <مىللەت ۋە تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن غەرب دۆلەتلىرىدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۇق>. ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدىن ئايرىلىپ قالسا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ بېكىنمە ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان كۇرتۇلمۇش، تۈركىيە چېگرا توساقلىرىنى ئېلىۋەتكەن تەقدىردە، ياۋروپاغا كۆچمەنلەر سەلدەك ئېقىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى دېدى: <بىر نەچچە مىڭ سۈرىيەلىكنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن ياۋروپالىق سىياسەتچىلەر، يۈز مىڭلارچە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى كۆرسە نېمە بولۇپ كېتەر؟ ياكى بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر سەۋەبلىك كۈچىيىپ بېرىۋاتقان فاشىست ۋە ئىرقچىلىق قىلمىشلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچىدىكى بىرلىكنى ۋە قۇرۇلمىلىق سالاھىيىتىنى قانداق قوغداپ قالىدۇ؟ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئوبدان ئويلىنىش كېرەك؟>.»

گېرمانىيەدىكى بىلد گېزىتى «تۈركىيە چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىۋەتسە نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە ئۇرۇشتىن قاچقان ئۈچ مىليون مۇساپىرنىڭ ياۋروپاغا بېرىشىغا يول ئېچىپ بەرسە ياۋروپا تىترەيدۇ. دەرۋەقە، ياۋروپا بۇنىڭغا تەييارلىقى يوق. گىرېتسىيە ئاراللىرىدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرى تولىمۇ زىچ. ئەگەر 2015-يىلىدىكىگە ئوخشاش كۆچ دولقۇنى يۈز بەرسە مۇساپىر سانى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىلا ئۈچ ھەسسە ئۆرلەيدۇ، ئاقىۋەت بۇنى ھېچكىم تىزگىنلىيەلمەيدۇ. بالقان دۆلەتلىرىنىڭ بەزىلىرى چېگرا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز، ياۋروپانىڭ ئۆزىنى تەھدىت سالىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ساقچى ئۇيۇشمىسى باشلىقى راينېر ۋېندتمۇ يېڭى مۇساپىرلار ئېقىمىنىڭ گېرمانىيەنى تولىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى،بولۇپمۇ ئىچكى بىخەتەرلىكىنى خەتەرلىك ۋەزىيەتكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر