چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 12.10.2016

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

587935
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 12.10.2016

ئىتالىيەدىكى Agenzia NOVA گېزىتى «ئەردوغان: ئىراق باش مىنىستىرى ئابادى پاسىللىرىنى ياخشى بىلىشى كېرەك ۋە مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتىگە تۈركىيەمۇ قاتنىشىدۇ، دېدى» سەرلەۋھىلىك  خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشىكا ھەربىي بازىسىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي قىسىمنىڭ ئىراقتىن بۇيرۇق ئالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئابادىنى <پاسىللىرىنى ئوبدان بىلىۋېلىشقا>دەۋەت قىلدى. 23-نۆۋەتلىك دۇنيا ئېنېرگىيە مەجلىسى چاقىرىلغان ئىستانبۇلدا بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كېڭەشتە ئەردوغان مۇنداق دېدى: <ئىراق دائىرلىرى باشىكا مەسىلىسىدە بىزگە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھازىر بولسا ھەربىي بازىدىن چىقىپ كېتىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، شۇنىسى ئېنىقكى، تۈركىيە ئارمىيەسى باغدادتىن بۇيرۇق ئالىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغىنى يوق.> تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراق باش مىنىستىرىدىن بۇيرۇق ئالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: <تۈركىيە جەرابلۇستىكىگە ئوخشاش مۇسۇل ھەربىي ھەرىكەتلىرىگىمۇ قاتنىشىدۇ. ئىراق باش مىنىستىرى ئۆزىنىڭ پاسىللىرىنى ئوبدان بىلىشى لازىم>.»

رۇسىيەدىكى TASS گېزىتى «ئەردوغان: تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ھەمكارلىشىپ ياۋروپاغا گاز يۆتكەش ئۈچۈن يېڭى كارىدور بەرپا قىلىشقا تىرىشماقتا،دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان دۇنيا ئېنېرگىيە يىغىنىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان ئېنېرگىيە كارىدورى بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: <بىز ئۆتۈش ئېغىزىدىكى دۆلەتمىز، تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سالىمىز. رۇسىيە، ئالجرىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياۋروپاغا يېقىلغۇ يۆتكەش ئۈچۈن تۆتىنچى ئېنېرگىيە كارىدورى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.> ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى لايىھەسى ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە تاللاش يوللىرىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان:<بۇ لايىھە ياۋروپاغا تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان تۈرك-گىرېك لىنىيەسىنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن تۇنجى قەدەمدۇر. بۇ لايىھە ياۋروپاغا نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىمدۇر>دېدى.»

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەل ئەرەبىيە تېلېۋىزىيە قانىلى «ئىراقنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى:«باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىراق دائىرلىرىنىڭ تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتا ۋەزىپە ئۆتۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ تولىمۇ بىمەنە ئىكەنلىكىنى، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتا ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ باغداد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىراقتىكى بازىدىن خەۋەرى بارلىقىنى، بۇ ھەربىي بازىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشلەردە يەرلىك كۈچلەرگە ھەربىي تەلىم بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى، ھەتتا باغداد ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەرنى يوقلاپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغانلىقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈپ مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: <ھەربىي بازا توغرۇلۇق مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەمەلىيەتتە ئىراقنىڭ ئىچكى سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر>.»

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدىن BBC « دائېش بېسىۋالغان زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «دائېش تۈركىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس رايونىدىن چېكىندۈرۈلدى. مۇتەخەسىسلەر دائېشنىڭ يېقىن كۈنلەردە زور يوقىتىشقا دۇچار بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە. بۇنىڭدىن تاشقىرى، رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ دائېش بازىلىرىنى بۇرۇنقىدەك بومباردىمان قىلمايۋاتقانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى دائېشنىڭ ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان مۇسۇلدىن چېكىندۈرۈلۈشى ئۈچۈن پات يېقىندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتكە بۇرالدى. مۇتەخەسىسلەر قورشاۋغا ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ پات يېقىندا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ بۇ  ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر