چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 05.10.2016

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

583427
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 05.10.2016

ئەنگلىيەدىكى تايمىس گېزىتى «ئەنقەرە جىددىي ھالەت مۇددىتىنى ئۇزارتتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئىسياندىن كېيىن يولغا قويغان جىددىي ھالەتنى 19-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يەنە ئۈچ ئاي ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. مەزكۇر قارار يەنە پارلامېنت بۇ يىل خىزمەتكە كىرىپ تۇنجى قېتىم بەرگەن قارارى ھېسابلىنىدۇ. پارلامېنت 16-ئىيۇلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شەنبە كۈنى يىغىلدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە يەنە تۈرك ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە چېگرادىن ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىشىنى مەزمۇن قىلىدىغان ئىجازاتنامىنىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتتى.»

ئىسپانىيەدىكى Europa Press خەۋەر ئاگېنتلىقى «تۈركىيەنىڭ مەسىلىسى تېررورىزىمدۇر»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تېررورىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە يىللاردىن بېرى ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەدە كۈرت <كورت>مەسىلىسىنىڭ يوقلىقىنى، ئەكسىچە كۈرتلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن تېررور مەسىلىسى بارلىقىنى ئېيتتى. تېررور مەسىلىسىنىڭ پۈتكۈل ساھەلەردە تۈركىيەگە سەلبىي تەسىرلەرنى يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن بىنالى يىلدىرىم،  پ ك ك لىق تېررورچىلارنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يولغا قويۇلىۋاتقان لايىھەلەرگىمۇ توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. پ ك ك لىق تېررورچىلارنىڭ قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن بىنالى يىلدىرىم، پ ك ك لىق تېررورچىلارنىڭ غەرىزىنىڭ رايوننىڭ تەرەققىياتىغا زىيان بېرىش ۋە تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.»

گېرمانىيە Deutsche Welle مېديا ئورگىنى «ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇساپىرلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندىمىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بۇ يىل مارتتا ئىمزالانغان مۇساپىرلار كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن ۋەدىلەرنى ئىشقا ئاشۇرماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: <ئۇلار 3 مىليارد ياۋرو بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشكەنىدى، بىراق بىزگە ئاران 179 مىليون كەلدى، ئەلۋەتتە بۇ پۇل مۇساپىرلارغا ئىشلىتىلدى. بۇ يىلمۇ ئاخىرلىشاي، دەپ قالدى. ئۇلار 3 مىليارد ياۋرو بېرەتتى، ئۆزلىرى ۋەدە بېرىشىدۇ، بىراق ۋەدىسىدە تۇرۇشمايدۇ.> مۇساپىرلار مەسىلىسىنى پەقەت بىر نەچچە دۆلەتنىڭلا ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان: <تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ھېچكىم كۈنتەرتىپە ئېلىپ كەلمەيۋاتىدۇ. ئۇلار ھاجىتى يوق، قاراپ قالغان ئوخشايدۇ، ئەسلىدە ئۇلار ئۇنتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا>دېدى.»

رۇسىيە رادىيو ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقى Sputnik «ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسگۇت ناھىيەسىدە <تۈركىيە پېنتاگونى قۇرۇلىدۇ>سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «ھۆكۈمەت 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئىسياندىن كېيىن ھەربىي ئورگانلارنى شەھەر سىرتىغا يۆتكەش قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى، تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئەنقەرە ئەتىمەسگۇتقا يۆتكىلىدۇ، بۇ رايون بىخەتەرلىك مەركىزى بولىدۇ. ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ھەر قايسى ئارمىيە قىسىملىرى قوماندانلىق مەركەزلىرى بۇ رايونغا يۆتكەپ كېلىنىدۇ. خەۋپىسىزلىك تارماقلىرى  باش ئىشتابتىن باشقۇرۇلىدۇ. نۆۋەتتە رايوندا دۆلەت ئىستىخبارات تەشكىلاتى بىناسىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. بىنانىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى ھازىرقى بىنالىرىدىن چىقىپ يېڭى بىناغا كۆچىدۇ. ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ھەر قايسى ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ بىنالىرى ساقلىنىپ قالىدۇ. تارىخىي ئالاھىدىلىكى بولغان بۇ بىنالار ئېھتىياجلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ.»

CNN « دائېشنىڭ كاتيۇشا راكېتامىيوتلىرىغا قارشى كوركۇت ناملىق ۋەيران قىلغۇچى سىستېما ئىشلىتىلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «دائېش رۇسىيەدە ياسالغان كاتيۇشا ناملىق راكېتامىيوتنى تۈركىيەنىڭ كىلىس ۋىلايىتىگە ئاتقانلىقتىن، كىلىس بىلەن چېگرا لىنىيەسىنى قوغداش مەقسىتىدە كوركۇت ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىك، كاتيۇشا راكېتامىيوتلىرىنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرىدىغان سىستېما ئۈچۈن تەخمىنەن 1 يېرىم يىلدىن بۇيان خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەنىدى: <تەجرىبىخانىدا مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۇق، بۇ ھەپتە نەق مەيداندا سىناق قىلىمىز.> كوركۇت ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى 35 مىللىي مېتىرلىق ئەقىللىق ئۈسكۈنە بىلەن كاتيۇشاغا ئوخشاش سۈرىتى تېز ۋە كىچىك نىشانلارغا قارشى تولىمۇ ئاكتىپ مۇداپىئە ئېلىپ  بارىدۇ. كوركۇت ئارقىلىق كاتيۇشانى ھاۋادا توسۇپ ۋەيران قىلغىلى بولىدۇ.»

ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى «چوڭ لايىھەلەر ئۈستىدە تېز سۈرئەتتە خىزمەت ئىشلەنمەكتە»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش، ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار، ھەربىي-سىياسىي ئىسيان ۋە سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى قاتارلىق زور ئىشلار تۈركىيەنىڭ سېلىنمىلىرىغا توسالغۇ بولالمىدى. ئەكسىچە، تاشيوللار ۋە كۆۋرۈك قۇرۇلۇشلىرى  بىلەن شەھەر قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشماقتا. بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئەڭ ئاز 100 مىليارد دوللارلىق قۇرۇلۇش لايىھەلىرى باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىستانبۇلدا تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بازاردا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى ئۈچۈن لايىھەلگەن، مانھاتتان چوڭلىقىدىكى 35 مىليارد دوللارلىق لايىھە بولغان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم بىلەن گەبزە سانائەت رايونلىرىنى ئىزمىرغا تۇتاشتۇرىدىغان 10 مىليارد دوللارلىق تاشيول لايىھەسىمۇ بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر