چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 24.08.2016

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

558383
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 24.08.2016

ئىسپانىيەدىكى Euro    Press مېدىياسى «تۈركىيە بىلەن خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى جەرابلۇستا دائېشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى بۈگۈن ئەتىگەن دائېشنى سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس شەھىرىدىن تازىلاش مەقسىتىدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى، تۈركىيە ئارمىيەسى يەرلىك سائەت 04:00دا دائېشنىڭ جەرابلۇستىكى بازىلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى، تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ھەربىي دائىرىلەرنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ تارقىتىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ مەقسىتىنىڭ <چېگرانى تېررورچى گۇرۇھلاردىن تازىلاش، بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاش>ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.»

قاتار ئەل جەزىرە تۈركچە خەۋەر تور بېتى «جەرابلۇسقا فىرات قالقىنى ناملىق ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى>سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە ئارمىيەسى ئورتاق ئالاھىدە ۋەزىپە قىسمى بىلەن خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچىگە تەۋە ھاۋا ئارمىيەسى قىسمى، سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس رايونىنى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى، تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە <فىرات قالقىنى>نامىنى بەردى، ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە 81 بازىغا 294 توپ ئوقى ئېتىلدى. ئەل-جەزىرىگە مەلۇمات بەرگەن ھەربىي دائىرىلەر <نۆۋەتتە ئۇرۇش مەقسىتىدە سۈرىيە تەرەپكە ماڭغان تۈركىيە ئەسكىرى يوق، ئالاھىدە قىسىملار تۈركىيەگە كىرمىدى>دېدى، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ھەربىي دائىرىلەرنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىدە <سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە ئۆتۈش ئېغىزى ئېچىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى>بىلدۈردى.»

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى «بايدىن ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك ھۆكۈمىتىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يەنە تەكىتلەيدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرىزېدېنتى جو بايدىننىڭ ئەنقەرە زىيارىتىدە، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك يولدىن سايلانغان ھۆكۈمىتىنى كۈچلۈك تەرىقىدە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكرارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئېرنېست فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى مەسىلىسىدىمۇ <ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 30يىلدىن ئارتۇق ئىجرا قىلىپ كېلىنىۋاتقان جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر كېلىشىمدە ئورۇن ئالغان قائىدە-پىرىنسپلارنىڭ روھىي بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ> دېدى.»

ئەزەربەيجاندىكى تىرەند خەۋەر ئاگېنتلىقى «مېركېل تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئاقىلانىلىكتۇر»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «ئىتالىيە باش مىنىستىرى ماتتېئو رېنزى، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە  فىرانسىيە پىرىزېدېنتى فىرانسۇا ئولاند، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش قارارى، بىخەتەرلىك ۋە كۆچمەن كىرزىسى، ئىقتىسادىي گۈللىنىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۇچراشتى، مېركېل يىغىندا كۆچمەن كىرزىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: <ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۆز ئالدىغان دېڭىز چىگرالىرىنى كونترول قىلالمايدۇ، شۇڭلاشقا تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەك، تۈركىيە بىلەن كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرۇلۇق ھەمكارلىق ئورنىتىش ناھايىتى ئاقىلانىلىك ئىشتۇر، ئەكسىچە بولغاندا ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشلەردە غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ.»

گېرمانىيەدىكى مېدىيا ئورگىنى DPA « بىريۇسېل تۈركىيەدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «تۈركىيەدە بىر توي مۇراسىمىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى بىريۇسېلنى قاتتىق چۆچىتۋەتتى. ياۋروپا كومىتېتى يەكشەنبە كۈنى ئەنقەرەدىكى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ۋەدە بەردى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە بىخەتەرلىك ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى بىلەن كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى جوھاننېس ھان مۇنداق دېدى: <بۇ كۈرەشتىمۇ تۈركىيە بىلەن بىر سەپتىمىز>. بۇ ئارىلىقتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ناتو باش كاتىپى جېنس سىتولتېنبېرگمۇ بىريۇسېلدا، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: <بۇ قىيىن كۈنلەردە ئىتتىپاقدېشىمىز تۈركىيە بىلەن بىر سەپتىمىز، تېررورىزىمنىڭ ھەر قاندىقىغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز.»

ئىتالىيە ئانسا گېزىتى «تۈركىيە: سۈرىيە كۈرتلەرنى تەھدىت سۈپىتىدە كۆرىدۇ، دېدى»سەرلەۋھلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم، دەمەشىقنىڭ كۈرتلەرنى تەھدىت سۈپىتىدە كۆرۈشكە باشلىغانلىقىنى ۋە سۈرىيەنىڭ ئېتنىك جەھەتتە بۆلۈنۈپ كېتىشىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن ئەنقەرەنىڭ سۈرىيەدە ئالدىمىزدىكى ئالتە ئاي ئاكتىپ ھالەتتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باش مىنىستىر سۈرىيە پىرىزېدېنتى بەششار ئەسەدنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلسا بولىدىغانلىقىنى، بىراق ئەسەدنىڭ سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىدە رول ئويناش ئېھتىمالىنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلىدى.»

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەل رىياد گېزىتى «تۈركىيە پارلامېنتى تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمىنى ماقۇللىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «ئەندۇلۇس خەۋەر ئاگېنتلىقى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپقا خاتىمە بېرىدىغان، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان كېلىشىمنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى. كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە 20 مىليون دوللار قىممىتىدە تۆلەم تۆلەيدۇ، تۈركىيە بولسا 2010-يىلى غەززە ئەتراپىدا 10 تۈرك پۇقراسىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدىن 10 ئەسكەرنى سوتلاش تەلىپىدىن ۋاز كېچىدۇ. كېلىشىم دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە تۈركىيە تەرىپىدىن غەززەگە ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىلىشكە رۇخسەت قىلدى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش قارارىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن ھەر ئىككى دۆلەتتە باش ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىيە ئۆتەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر