چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 10.08.2016

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

549155
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 10.08.2016

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى AFP « پۇتىن بىلەن ئەردوغان كۆرۈشتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر نەچچە ئاي داۋاملاشقان كىرزىستىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى، ئۇلار بۇ ئۇچرىشىشىنىڭ تۈرتكىسىدە موسكوۋا بىلەن ئەنقەرە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى. رۇسىيە <ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى>كېرەكلىكىنى بىلدۈردى، <مۇھىم> ۋە <سەممىي>دەپ باھا بېرىلگەن بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتىن كېيىن پۇتىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: ھەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن تولۇق شارائىت ۋە پۇرسەتكە ئىگە، ئالدى بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى كىرزستىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشىمىز كېرەك، دېگەن بولسا،  ئەردوغان مۇنداق دېدى: مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئايروپىلان كىرزىستىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە ھەتتا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشىمىز مۇمكىن، ھەر ئىككى تەرەپ بۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە كەلدى.»

گېرمانىيەدىكى مېدىيا ئورگىنى DEUTSCHE WELLE (DW)«سىتېينمېيېر تۈركىيەنى جايىدا تەنقىد قىلىش كېرەك، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى نەقىل قىلدى: «گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانك-ۋالتېر سىتېينمېيېر تۈركىيەنى جايىدا تەنقىد قىلىش لازىملىقىنى ئېيتتى. سىتېينمېيېر بىلد گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلارنىڭ خەلق بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە ۋەھشىيلەرچە مۇئامىلە قىلغانلىقلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، ئەنقەرەنىڭ نۆۋەتتىكى پوزىتسىيە تەنقىد قىلىنغاندا، چوقۇم بۇ ئەھۋاللارنىڭ نەزەردە تۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلغان مۇساپىرلار كېلىشىمى  دائىرىسىدە تەلەپ قىلغانلىرى ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش تەلىپى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش ئۈچۈن چوقۇم تېگىشلىك شەرتلەر ئورۇندىلىشى كېرەك.»

رۇسىيە مېدىيا ئورگىنى SPUTNİK «تۈركىيە رىيو ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا تۇنجى مېدالىغا ئېرىشتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2016 رىيو ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە تۈركىيە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى دانىيار ئىسمايىلوۋ 69 كىلولۇقلار بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقلىرىدىكى تۇنجى مېدالىغا ئېرىشتى. رىيوسەنترودا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلاردا ئىسمايىلوۋ ئەرلەرنىڭ 69 كىلولىقلار بويىچە 163 كىلو ئېغىرلىقنى كۆتۈردى. ئىسمايىلوۋ تۇنجى كۆتۈرۈشتە 181، ئىككىنچىسىدە 185، ئۈچىنچىسىدە 188 كىلو ئېغىرلىقنى كۆتۈردى. جەمئىي 351 كىلو ئېغىرلىق كۆتۈرگەن 24 ياشلىق تەنھەرىكەتچى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.  شۇنداقلا قىلىپ، تۈركىيە رىيو ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدىكى تۇنجى مېدالىغا ئېرىشكەن بولدى.»

ياپونىيەدىكى مېدىيا ئورگىنى يومىرى شىمبۇن (Yomiuri Shimbun) «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى: ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئۆلۈم جازاسى بار»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 7-ئاۋغۇستتا ئىستانبۇلدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى ئەيىبلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا سۆز قىلىپ، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىدىمۇ ئۆلۈم جازاسىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، 2004-يىلى چەكلەنگەن ئۆلۈم جازاسىنى قايتىدىن يولغا قويۇلۇشىنى قوبۇل قىلىش ئويىنى يەنە بىر قېتىم ئىزھار قىلدى.»

قاتار مېدىيا ئورگىنى ئەل جەزىرە «يەنىكاپى رۇھى» سەرلەۋھلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «جۇمھۇرىيەت تارىخى بويىچە ئەڭ چوڭ مەيدان يىغىلىشى ئىستانبۇل يەنىكاپىدا ئۆتكۈزۈلدى. 15-ئىيۇلدىكى قانلىق ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ، بۇ قانلىق ھەرىكەتنى پۈتۈنلەي بىتچىت قىلغان مىليونلارچە كىشى بۇ قېتىم يەنىكاپىدا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىلىش روياپقا چىقاردى. بۇ يىغىلىشقا 5 مىليون ئادەم قاتناشتى، جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ لىدەرلىرى تۇنجى قېتىم ئوخشاش بىر يىغىلىش مەيدانىدا ئۇچراشتى. ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقىمۇ تۇنجى قېتىم بىر يىغىلىشتا مىليونلارچە كىشىگە خىتاب قىلدى.»

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرانا «بىرۇجەردى: تۈرك خەلقىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى بىتچىت قىلىشتا ئوينىغان رولىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ»سەرلەۋھلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «ئىسلامىي شۇرا مەجلىسى تاشقى ئالاقە ۋە مۇداپىئە كومىتېتى بارشلىقى ئالائەددىن بىرۇجەردى تۈرك خەلقىنىڭ سايلانغان ھۆكۈمەتنى قوغداش ۋە بۇ قانلىق ھەرىكەتنى بىتچىت قىلىشتا ئوينىغان رولىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۈركىيە باش ئەلچىسى رىزا ھاكان تەكىن بىلەن كۆرۈشكەن بىرۇجەردى: تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ خەلققە تايىنىپ چاقماق تېزلىكىدە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى بىتچىت قىلىشى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ، تۈركىيەدىكى مەغلۇپ بولغان ھەربىي-سىياسىي ئىسيان ئاچچىق تەجرىبە ئىدى، بىراق تۈركىيەنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر ۋە قارارلاردا مۇھىم رول ئوينايدۇ ۋە بۇنىڭدىن تەجرىبە ساۋاقلار ئېلىنىدۇ،دېدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر