چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 13.07.2016

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

528390
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 13.07.2016

رۇسىيە خەۋەر ئورگىنى SPUTNİK «ئەردوغان: سۈرىيەلىكلەرنى كوللىكېتىپ قونالغۇ ئىدارىسىنىڭ بوش ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە ئوقۇرمەنلىرى بىلەن مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پولشادىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ناتو ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ گىراژدانلىق بېرىش تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنى تۈركىيە كوللىكتېپ قونالغۇ ئىدارىسىنىڭ بوش ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان لاگېرلار، قونالغۇلارنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ، دۆلىتىمىزگە پاناھ تارتىپ كەلگەن سۈرىيەلىكلەرنى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز. زۆرۈر تېپىلسا تۈركىيە كوللىكتېپ ئىدارسىنىڭ بوش ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرىمىز. بىز ئاھىسكا تۈركلىرىگە ئەرزىنجان ۋىلايىتىمىزدىكى كوللىكېتىپ قونالغۇ ئىدارىسىگە تەۋە ئۆيلەرنى قانداق تەقسىم قىلىپ بەرگەن بولساق، ئوخشاش شەكىلدە سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈنمۇ شارائىتلار ۋە قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىمىز.»

گېرمانىيەدىكى Der Spiegel گېزىتى «ئەردوغان مېركېلنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى؛ «گېرمانىيە  پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشىنى چەكلەش بەلگىلىمىسى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش ۋە ئىختىلاپلار داۋاملىشىدىغاندەك تۇرىدۇ. ناتو ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن ئىلگىرى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئويلىغان نەتىجىلىرىگە ئېرىشەلمىدى. مېركېل كۆرۈشۈشتىن كېيىن سۆھبەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە ئوبىكتىپ ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئىختىلاپلارنىڭ بىر قېتىملىق سۆھبەت بىلەنلا ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

قاتار مېدىيا ئورگىنى ئەل-جەزىرە «بىنالى يىلدرىم: رايون دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نۇغۇن سەۋەبلەر بار»سەرلەۋھلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى نەقىل قىلدى: «تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ ئىراق، سۈرىيەۋە مىسىر بولۇپ بارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يىلدىرىم تۈركىيە-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشلەردە تۈركىيەنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى، بىراق ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دېدى: بارلىق خوشنلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلايمىز، قوشىنلىرىمىز ئىچىدە سۈرىيە، ئىراق ۋە مىسىرمۇ بار ئەلۋەتتە. رايون دۆلەتلىرى بىلەن  بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى بۇزۇش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب يوق ، بىراق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەب بار.»

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى «تۈركىيەدە ئەنگە ئېلىنغان چەت ئەللىك  خىزمەتچى سانى بارغانچە ئاشماقتا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «2016-يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە %4.8 ئەتراپىدا زورايغان تۈركىيە ئىقتىسادىي، ساياھەتچىلىك ساھەسىدە كۆرۈلگەن تۆۋەنلەشنىڭ ئەكسىچە، چەت ئەللىك ئىشچى سانىدا يىلنىڭ دەسلەپكى ئالتە ئېيىنى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا مۇۋاپىقىيەلىك ھالدا ئۆتكۈزۈۋالدى. ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي سوغۇرتا مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۈركىيەدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان 45375 چەت ئەللىكتىن 38261 كىشىگە خىزمەت رۇخسىتى بېرىلگەن. مىنىستىرلىق 2015-يىلى يانۋاردىن ئىيۇن ئېيىغىچە 36886 كىشىگە خىزمەت رۇخسىتى بەردى. بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئالتە ئېيىدا 1395 چەت ئەللىكنىڭ ئىتلىماسى ھەر خىل سەۋەب تۈپەيلى رەت قىلىنغان بولسا، 4447 كىشىنىڭ ئىلتىماسى قايتۇرۇۋېتىلدى. ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي سوغۇرتا مىنىستىرلىقى 1272 كىشىنىڭ ئىلتىماسىنىڭ تېخى نەتىجىلەنمىگەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى. »

رۇسىيەدىكى مېدىيا ئورگىنى SPUTNİK «تۈركىيە ياۋروپا  پالامېنتىنى پ ك ك سەۋەبىدىن ئەيىبلىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ فوتو-سۈرەتلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلغان كۆرگەزمە سەۋەبىدىن ياۋروپا پارلامېنتىنى ئەيىبلىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى؛ دائېش مۇ پ ك ك مۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئەيىبلەپ يەنە بىرىگە كەلگەندە باشقىچە مۇئامىلە قىلىش تېررورىزىمنىڭ بارلىق قۇربانلىرىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكتۇر. قوش ئۆلچەملەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرمەكتە.»

ئامېرىكىدىكى خەۋەر تور بېتى TURKİSHNY «ئاھىسكا تۈركلىرىگە گىراژدانلىق خۇش خەۋىرى كەلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئەلانىڭ<تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئاھىسكا تۈركلىرىمۇ گىراژدانلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز>دېگەن سۆزى، ئەرزىنجانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاھىسكا تۈركلىرىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يوليۇرۇقى بىلەن ئۇكرائىنادىن ئېلىپ كېلىنىپ ئەرزىنجاننىڭ ئۈزۈملۈ ناھىيەسىگە ماكانلاشتۇرۇلغان ئاھىسكا تۈركلرىىنىڭ بىر قىسمى، ئەفكان ئالانىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ گىراژدانلىققا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈستىدە خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشىگە قارىتا، قوللىرىغا تۈرك بايراقلىرىنى ئېلىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان رايوننىڭ مەيدانىغا يىغىلىشتى. ئاھىسكا تۈركلەر <تۈركىيەم>دېگەن ناخشا ھەمراھلىقىدا تۈرك بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ <ياشىسۇن تۈركىيە>دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.»

گىرېتسىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىت «ئەنقەرە قاھىرە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى شەرتلىك ھالدا نورماللاشتۇرۇشى كېرەك»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارن يازدى؛ «تۈركىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى نۇمان كۇرتۇلمۇش ئەنقەرەنىڭ مىسىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى، بىراق، تۈركىيەنىڭ مىسىر ھاكىمىيىتىگە <ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى>نى شەرت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: تۈرك خەلقى مىسىر خەلقى بىلەن قېرىنداش خەلقلەردۇر. مىسىر خەلقى بىلەن قەتئىي دۈشمەن بولمايمىز ياكى مىسىر خەلقىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلمايمىز. بىز پەقەت مىسىردا دېموكراتىيە پىرىنسىپىنى قوللىدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر