چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 29.06.2016

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

520612
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 29.06.2016

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى : «نۇرەتتىن جانىكلى: پاپانىڭ باياناتلىرىدا ئەھلى سەلبچىلەرنىڭ ئىدىيەسىنىڭ پۈتكۈل ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «تۈركىيە پاپا فىرانسۇئانىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋىرىكى ئاتالمىش ئەرمەنىي ۋەقەلىرىنى ئەھلى سەلب ئىدىيەسى بىلەن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى تەلەيسىزلىك، دەپ تەرىپلىدى. مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇرەتتىن جانىكلى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، بۇ رىئاللىققا ماس كەلمەيدىغان، ئوبىكتىپ بولمىغان نۇقتىينەزەردۇر، تولىمۇ ئەپسۇسكى پاپانىڭ باياناتلىرىدا ئەھلى سەلىب ئىدىيەسىنىڭ پۈتكۈل ئىزلىرىنى ۋە پۈتۈن ئەكس تەسىرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، دېدى. پاپا ئەرمېنىيە زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنىدىلا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: ئەرمەنىي تىراگېدىيەسى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تولىمۇ ئەپسۇسكى ئۆتكەن ئەسىردە مەيدانغا كەلگەنن بۈيۈك پالاكەتلەرلەرنىڭ مۇقەددىسىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. جانىكلى پاپانىڭ بۇ باياناتلىرىغا يۇقىرقىدەك ئىنكاس قايتۇردى، جانىكلىنىڭ باياناتىغا ۋاتىكان دەرھال ئىنكاس قايتۇردى، ۋاتىكان باياناتچىسى فېدېرىكو لومباردى پاپا فىرانسۇئانىڭ ئەرمېنىيە زىيارىتىدە ئىرقىي قىرغىنچلىق ئۈستىدە توختالغاندا نە ئەھلى سەلىب يۈرۈشى قىلمىغانلىقىنى، نە تۈركىيەگە قارشى ئەھلى سەلىب ئىدىيەسى بىلەن بايانات بەرمىگەنلىكنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.»

سەئۇدى ئەرەبىستان مېدىيا ئورگانلىرىدىن ئەل رىياد «ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىشتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى؛ «ئىسرائىلىيە دائىرلىرى تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ 6 يىل بۇرۇن غەززەگە بارماقچى بولغان تۈرك ياردەم پاراخوتىغا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن بۇيان كېلىپ چىققان سۈركىلىشلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى يازدى.»

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى Ria Novosti « ئەردوغاننىڭ باياناتچىسى تۈركىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن رۇسىيەنى ھەمكارلىققا چاقىرغانلىقىنى ئۇقتۇردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە ئوقۇرمەنلىرى بىلەن مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، جۇمھۇر رەئىسنىڭ رۇسىيە پىرىزېدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئەۋەتكەن مەكتۇبىدا تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن بەرپا قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئىبراھىم كالىننىڭ قارىشىچە مەكتۇبتا ئەردوغان رۇسىيەنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن ئورنىتىشقا، رايوندىكى كىرزىسلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ۋە تېرورىرىمزغا قارشى بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان.»

فىرانسىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى «تۈركىيە باش مىنىستىرى: ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدىكى ھۇجۇمدا 36 كىشى ئۆلدى، يىپ ئۇچىلىرى دائېشنى كۆرسەتمەكتە، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى نەقىل كەلتۈردى: «تۈركىيە باش مىنىستىرى سەيشەنبە كۈنى خەلقئارا ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قوزغىغان ئۈچ ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا، چەت ئەل بولۇپ 36 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، بۇ ۋەقەنى جىھاتچى گۇرۇھ دائېشنىڭ سادىر قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى. بىنالى يىلدىرىم نەق مەيداندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ 36 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. باش مىنىستىر نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ، قانچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرمىدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم نە سالاھىيىتى نە گىراژدانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن ئۈچ ئادەم بومبانىڭ دەسلەپ ئەتراپقا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى، ئارقىدىن ئۆزلىرىنى پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، ھاۋا قاتنىشىنىڭ يەرلىك سائەت 03:00دىن باشلاپ قايتىدىن باشلىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.»

ئىران مېھر خەۋەر ئاگېنتلىقى «زارىف تېررورىزىم خەلقئاراغا تەھدىتتۇر، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: «ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەپ، تېررورىزىمنىڭ خەلقئارالىق بىر تەھدېت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا قارىشى ھەممە ئادەمنىڭ كۈرەش قىلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلدى، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋات زارىف بۈگۈن ئەتىگەن  ئىستانبۇلدىكى ئايرورۇدۇمغا قارىتىلغان ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ قانلىق ۋەقەنى  تېررورنىڭ ۋەھشىي يۈزى، دەپ تەرىپلىدى. زارىف Twitter ئادىرىسىدىن مۇنۇلارنى يازدى: تېررورنىڭ ۋەھشىي يۈزى دوست ۋە قوشنا دۆلەت تۈركىيەنىڭ ئايرودۇرۇمىدا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى نامايەن قىلدى. بۇ خەلقئارالىق بىر تەھدىت بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى ھەممە ئادەم كۈرەش قىلىشى كېرەك. تۈرك ساقچىلىرىنىڭ قارىشىچە، دەسلەپكى دەلىللەر پارتلاشنىڭ كەينىدە ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى بارلىقى ئېھتىمالىغا ئىشارەت قىلىدىكەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر